باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مى گ - 27 تىپلىق بىر كۈرەشچى ئايروپىلانى مەشىق جەريانىدا چۈشۈپ كەتتى

2019.04.01 18:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مى گ - 27 تىپلىق بىر كۈرەشچى ئايروپىلانى 31-مارت چۈشتىن بۇرۇن راجاستان ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىدىكى سىروھى ۋىلايىتىدە قەرەللىك مەشىق قىلىۋاتقاندا چۈشۈپ كەتتى، ۋەقەدە ئادەم يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.

  ھىندىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مى گ - 27 تىپلىق بۇ كۈرەشچى ئايروپىلان شۇ يەر ۋاقتى 31- مارت چۈشتىن كېيىن سىروھى ۋىلايىتىگە قوشنا بارمېر ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى بېلەي ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئۇچقان. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن 45 ئەتراپىدا، ئۇچقۇچى موتوردا كاشىلا كۆرۈلدى دەپ دوكلات قىلغان ھەمدە ئېتىپ چىقىرىش قۇرۇلمىسى ئارقىلىق پاراشوت بىلەن سەكرەپ، ئامان قالغان. ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى كەينى- كەينىدىن يۈز بەردى. بۇ يىل 1-ئايدىن بۇيان، ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى «ئامېرىكا قىتئەسى يولۋىسى» تىپلىق بىر كۈرەشچى ئايروپىلان، مى گ - 27 تىپلىق ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلان، سايە 2000 تىپلىق بىر كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە مى گ - 21 تىپلىق بىر كۈرەشچى ئايروپىلان قاتارلىقلاردىن زىيان تارتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر