باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى كېچياڭ بىلەن يېڭى زىللاندىيە زۇڭلىسى جۇڭگو ــ يېڭى زىللاندىيە ساياھەت يىلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2019.04.01 14:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2019-يىللىق جۇڭگو ـيېڭى زېللاندىيە ساياھەت يىلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى يېڭى زىللاندىيەنىڭ ۋېللىڭتوندا ئۆتكۈزۈلدى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بىلەن يېڭى زېللاندىيە زۇڭلىسى ئادېن ئېچىلىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  لى كېچياڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ساياھەت جۇڭگو بىلەن يېڭى زىېللاندىيە ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ساھە شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرىشىدىكى مۇھىم يول، ئۆتكەن يىلى ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئالاقە قىلىش كۆلىمى 600 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىنلاشتى، جۇڭگو داۋاملىق يېڭى زىېللاندىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ چەتئەل ساياھەتچىلىرى بازىرىغا ئايلاندى. جۇڭگو يېڭى زېللاندىيە ساياھەت يىلى ئىككى تەرەپنىڭ ساياھەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىشكە يېڭى پۇرسەت يارىتىدۇ. ئىككى تەرەپ ساياھەتچىلىرىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، تېخىمۇ ئەۋزەل مۇھىت يارىتىپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ساياھەت تەسىراتىغا ئىگە قىلىش ـــ ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ۋە ساياھەت باشقۇرغۇچى تارماقلىرىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى. جۇڭگو يېڭى زېللاندىيە خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ كۆپىيىشى ئارىدىكى چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىق تەرەققىياتىغا تېخىمۇ پۇختا، چوڭقۇر ئەل رايى ئاساسى سالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر