3-ئاينىڭ 30-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ چىنيۈەن ناھىيەسى گۇەنتەن يېزىسىدا، ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئوت ۋەزىيىتىنى كونترول قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەنشى چىنيۈەن ئورماندىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىنىشىچە، 17 سائەت جىددىي خىزمەت ئارقىلىق، ئوت ئاساسىي جەھەتتىن مەلۇم دائىرىدە كونترول قىلىنغان، ئوت ئاپىتى يامراپ كېتىش ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە توسۇپ قېلىنغان، نۆۋەتتە ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
3-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 13تىن 30 مىنۇت ئەتراپىدا، سەنشى ئۆلكىسى چاڭجى شەھىرى چىنيۈەن ناھىيەسى ۋاڭتاۋ يېزىسى گوجياپىڭ كەنتى ئەتراپىدا تۇيۇقسىز ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بەردى، شامال بىر قەدەر كۈچلۈك (شامال كۈچى ئەڭ چوڭ بولغاندا سەككىز بال ئەتراپىدا) بولغانلىقتىن، ئوت تېز يامراپ، سۇڭزىيۈ يېزىسى، چىشىچياۋ يېزىسى، گۇەنتەن يېزىسى، گوداۋ بازىرىدىكى قىسمەن كەنتلەرگە تۇتاشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى