باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەيدە تۇنجى 5G يان تېلېفونى ئارقىلىق سۆزلىشىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى

بۇ يىل 10 مىڭدىن ئارتۇق 5G ئاساسىي پونكىتى قۇرۇپ چىقىلىدۇ

2019.04.01 18:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇنجى مەمۇرىي رايون 5G تورى شاڭخەيدە پۈتۈپ، سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. 30-مارت چۈشتىن بۇرۇن، «قوش 1000 مېگابايتلىق 1-رايون»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى شاڭخەي شەھىرى خۇڭكۇ رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى ھەمدە تۇنجى 5G يان تېلېفونى ئارقىلىق سۆزلىشىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، بۇ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش 5G سىناق شەھىرى بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ھازىر خۇڭكۇ رايونىدا 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 228ى قۇرۇلۇپ، 1000 مېگابايتلىق مۇقىم كەڭ بەلباغلىق تور ۋە 5G تورىنىڭ پۈتۈن رايوننى قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تۇنجى بولۇپ ھەم مۇقىم كەڭ بەلباغلىق تور، ھەم كۆچمە خەۋەرلىشىش تورىدا 1000 مېگابايت بىلەن قاپلانغان جاي ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ يىل، شاڭخەي شەھىرى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك يادرولۇق ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، 5G نىڭ تور تىرىكى ۋە قوللىنىش ئىقتىدارى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، 5G تور قۇرۇلۇشى باشلامچى رايونى، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ۋە كەسىپلەر توپلانغان رايون بەرپا قىلدى. يىل ئىچىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق 5G ئاساسىي پونكىتى قۇرۇپ چىقىپ، كۆپلىگەن 5G قوللىنىش-ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ۋە قوللىنىش تەتقىقات يېڭىلىق يارىتىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى قوزغىتىپ، 5G ئەمەلىي ئۈلگە كۆرسىتىش كۆرگەزمە زالى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر