باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، قار-مۇز ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك

2019.04.01 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «2022- يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «2022- يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە :

  2022- يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېلىمىزنىڭ مۇھىم تارىخىي تۈگۈنلىرىدىكى مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ. قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز قارـ مۇز تەنھەرىكىتىنى كېڭەيتىش جەھەتتە خېلى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، لېكىن، دۇنيا قار ـ مۇز كۈچلۈك دۆلىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىزدە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ماھارەت سەۋىيەسى يۇقىرى ئەمەس، ئاممىنىڭ قاتنىشىش دائىرىسى كەڭ ئەمەس، كەسىپ ئاساسى ئاجىز دېگەندەك مەسىلىلەر مەۋجۇت، تەرەققىيات ۋەزىپىسى مۈشكۈل ۋە ئېغىر. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق:

  1.ئومۇمىي تەلەپ

  (1) يېتەكچى ئىدىيە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تۈزۈلمەـ مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قار ـ مۇز ھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، قار ـ مۇز كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، شارائىت كاپالىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ قار ـ مۇز ھەرىكىتىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر