باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپى بالىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى (شىزاڭ دېموكراتىك ئىسلاھاتىنىڭ 60 يىللىقى)

2019.04.01 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ـ ـ ـ بۇلتۇر شىزاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئالغاندا، بوۋام بۇنىڭ راستلىقىغا زادىلا ئىشەنمىدى. شىزاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ 2018- يىللىق ئوقۇغۇچىسى سىرېن بولسا، سىنىپتىكى بىردىنبىر ئەما ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۇ باھار شامىلىدا ئېچىلغان شاپتۇللۇقتا ئولتۇرۇپ، مۇخبىرلارغا ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى .

  22 ياشلىق سىرېن شىزاڭ ساجا ناھىيەسى جىدىڭ بازىرى جام كەنتىدە تۇغۇلغان. دېموكراتىك ئىسلاھاتتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ بوۋا-مومىسى قورۇقتىكى يانچىلار بولۇپ، ئوقۇمىغان. سىرېن ئۈچ ياشقا كىرگەندە تاسادىپەن كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقتىن، بوۋىسىنىڭ كۆڭلىدە غەم پەيدا قىلىپ، سىرېن كەلگۈسىدە قانداق قىلار؟ دەيتتى.

  سىرېن مۇنداق دېدى: شىزاڭ مەملىكەت بويىچە 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويدى. مېنىڭ ئۆيۈم چەت ۋە يىراق بىر يېزىدا. شىزاڭدا يولغا قويۇلغان مەجبۇرىيەت مائارىپىدا «ئۈچنى ھۆددىگە ئېلىش» دېگەن بۇ سىياسەت مېنى رىكازې شەھىرىدىكى يەسلىدىن تارتىپ تاكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان ئوقۇشۇمنى تاماملىشىمغا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، يەنە مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ئارزۇيۇمنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغۇزدى. ھازىر مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتىمەن، دۆلەت يەنە مۇناسىپ ياردەم پۇللارنى بېرىۋاتىدۇ.

  سىرېن ئېيتقان «ئۈچنى ھۆددىگە ئېلىش» سىياسىتى دېگىنىمىز، شىزاڭدا دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە مەخسۇس قارىتىلغان مەجبۇرىيەت مائارىپى سىياسىتى بولۇپ، بۇ، بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىغا دۆلەت مەسئۇل بولىدۇ، دېگەنلىك. بۇ سىياسەت شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ 2018- يىللىق باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى، ھەمدە تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر، ھەتتا ئالىي مائارىپتىكى مەكتەپلەرگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %99.5، %99.5، %82.3، %39.2كە، ئوتتۇرىچە تەربىيەلىنىش يىل چېكىنى %9 . 55كە يەتكۈزدى.

  ئۆتمۈشتىكى شىزاڭدا كەڭ يانچى ئامما ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى بىلىم ئېلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان. تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىنغان ۋە دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان شىزاڭدا بولسا، زامانىۋى مائارىپ بولماسلىقتەك تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. 1951- يىلى شىزاڭدىكى تۇنجى باشلانغۇچ مەكتەپ- چاڭدۇ باشلانغۇچ مەكتىپى رەسمىي ئوقۇش باشلىغان ئىدى، 1956- يىلى شىزاڭدىكى تۇنجى ئوتتۇرا مەكتەپ - لاسا ئوتتۇرا مەكتىپى ئىش باشلىغان ئىدى، 1958- يىلى شىزاڭدىكى تۇنجى ئالىي بىلىم يۇرتى- شىزاڭ جامائەت مەكتىپى رەسمىي ئوقۇش باشلىغان ئىدى، 1985- يىلى شىزاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى رەسمىي قۇرۇلدى. بۈگۈنكى كۈندە، شىزاڭدا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى، ئاساسىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپ، چوڭلار مائارىپى ۋە ئالاھىدە مائارىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زامانىۋى مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىغىچە بولغان 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر