باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى قاتارلىق ئالتە تارماق ئۇيۇشتۇرغان 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتى باشلاندى

2019.03.29 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى 28-مارت بېيجىڭدا تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش-تەقدىرلەش پائالىيىتىنى باشلاشنى ئورۇنلاشتۇردى. يىغىندا، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئۇلاردىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش تەلەپ قىلىنىپ، ئەخلاقلىق بولۇش، ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش، ئەخلاققا رىئايە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەخلاقنى قەدىرلەيدىغان، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىدىغان، ئەخلاقلىق بولۇشنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان قويۇق كەيپىياتنى يارىتىپ، يېڭى دەۋردە سوتسىيالىستىك ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشىدا يېڭى تەرەققىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېڭى مۇۋەپپەقىيەت بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش تەشەببۇس قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يولداش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى، بولۇپمۇ ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئەخلاق ئۈلگىلىرىنى باھالاش، تەقدىرلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشىغا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئەخلاق ئۈلگىلىرىنى باھالاش، تەقدىرلەشنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر، يېڭى دەۋردىكى يېڭى كىشىلەرنى تەربىيەلەش، دەۋر يېڭى كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا، مىليونلىغان خەلقنىڭ يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنى رىغبەتلەندۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە قىلىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىنچىكە تەشكىللەپ يولغا قويۇش لازىم. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ تەلىپىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، «ئامما باھالاش، ئاممىنى باھالاش»نىڭ ئاساسىي ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر تۈركۈم تۆھپىسى زور، ئاممىنىڭ باھاسى ياخشى، ئىش-ئىزلىرى گەۋدىلىك تەسىرلىك، ئالىيجاناب روھنى نامايان قىلغان، تىپىك ئۈلگىلىك خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاپ چىقىش لازىم. ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى قەدىرلەپ، ئەخلاق ئەمەلىيىتى پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، باھالاش، تەقدىرلەش جەريانىنى ئۈلگىلىك ئىش-ئىزلارنى تەشۋىق قىلىش، نەمۇنىلىك ئىش-ئىزلاردىن ئۆگىنىش، ئۈلگىلىك روھنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردە ئىدىيە -ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى دولقۇنى قوزغاش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر