خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 31- كۈنى سۇنىڭ ناھىيىلىك 5- تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى «يېڭىچە باج ئېلىش سىياسىتىنىڭ كارتىنىسىنى بالىلارچە قەلب بىلەن سىزىپ چىقىش» پائالىيىتىدە، يېڭىچە باج سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر سىزىلدى .
شۇ كۈنى خېبېي ئۆلكىسى سۇنىڭ ناھىيىلىك باج ئىدارىسى 2019- يىللىق باج سىياسىتى تەشۋىقاتى ئېيىغا ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى باشلاپ، «يېڭىچە باج ئېلىش سىياسىتىنىڭ كارتىنىسىنى بالىلارچە قەلب بىلەن سېزىپ چىقىش» ۋە «غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سۈپىتىدىكى" كەمپۈت بوۋاينىڭ باج يىغىشى" ھەققىدىكى چۆچەكنى ئېيتىش» دېگەندەك يېڭىچە شەكىللەر ئارقىلىق، پۈتۈن جەمئىيەتكە دۆلەتنىڭ باجنى كېمەيتىش ۋە ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، باجنى كېمەيتىش ۋە ھەقنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، بىر نەچچى باج تەشۋىقات شۆبە ئەترەتلىرىنى تەشكىللەپ كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، باجنى كېمەيتىش ۋە ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈردى. 2019- يىلى 4- ئاي بولسا، ئېلىمىزنىڭ 28- قېتىملىق باج تەشۋىقات ئېيى بولۇپ، بۇنىڭدا، «باجنى كېمەيتىش ۋە ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن شۇئار باش تېما قىلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى