باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەتىرگۈل ئارىسىغا پاختا كىرىشتۈرۈپ تېرىش

2019.03.29 21:38        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كەنت ئاھالىلىرى ئەتىرگۈل ئارىسىغا پاختا كىرىشتۈرۈپ تېرىش ئۈچۈن ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىمەكتە. (سۈرەتنى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تەمىنلىگەن)

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر دۇڭ شياۋخەن): 3-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسى بەشتوغراقلىق كەنتى ئالدىراشچىلىققا چۆمدى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە 2019-يىللىق ئەتىرگۈل ئارىسىغا پاختا كىرىشتۈرۈپ تېرىش ئۈچۈن ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمىتىنى ئىشلىدى.

  «كەنتتىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەتىرگۈل تېرىلدى، لېكىن كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاز، ئىقتىسادىي زىرائەت سورتى بىرلا خىل بولغانلىقتىن، كىرىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىنلىق دەرىجىسى زور بولدى.» دېدى «شېنخۇا» شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسى بەشتوغراق كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ليۇ جاڭجياڭ، بۇ كەنتتە 245 ئائىلە ئارخىپ تۇغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە.

  خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى «ئەتىرگۈل+پاختا» دىن ئىبارەت تېرىقچىلىق يېڭى ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوخشىمىغان ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنىڭ پىشىش ۋاقتى پەرقىدىن پايدىلىنىپ، يەردىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، شۇ جايدىكى دېھقانچىلىق تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر