باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەسى: توز باقمىچىلىقى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ‏ياردەم بەردى ‏

2019.03.29 21:37   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئونسۇ ناھىيەسى: توز باقمىچىلىقى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ‏ياردەم بەردى ‏

  ‏«توز بېقىش توخۇ بېقىشقا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، كېپەك بىلەن كۆممىقوناق ئۇنىنى ‏تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ يەم قىلىمىز، توزلارنى تېزراق چوڭلىسۇن دېسەك، بەلگىلىك ‏مۇددەتتە <كالتىسىي تولۇقلايمىز> ، ئازراق بېلىق پاراشوكى ياكى سۆڭەك پاراشوكى ‏قوشىمىز...» ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى قورۇل كەنتى 4-گۇرۇپپىسى ئاھالىسى ھۈسەن تۇردى توز بېقىش تىلغا ئېلىنغاندا ناھايىتى راۋان قىلىپ شۇنداق دېدى. ‏ھۈسەن كەنتتىكى ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى ماھىرى بولۇپ، كىچىكىدىنلا ‏كەپتەر، توخۇ، ئۆردەك، غاز قاتارلىق قۇش تۈرلىرىنى بېقىشنى ئىنتايىن ياخشى ‏كۆرەتتى، چوڭ بولغاندىن كېيىن كەنتتە باقمىچىلىق مەيدانى ئېچىپ، ھەر يىلى ‏‏1000دىن ئارتۇق تۈرلۈك ئۆي قۇشلىرىنى ساتتى. ‏

  ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە-كان مەھسۇلاتلىرى ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق ‏خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە، ھۈسەن باقمىچىلىق كۆلىمىنى ‏كېڭەيتتى. ‏‎ ‎

  ‏2018-يىلى ئەتىيازدا، ھۈسەن تېلېۋىزوردىن توز بېقىشنىڭ پايدىسىنىڭ كۆپلۈكىنى ‏كۆرۈپ، زىيارەتكە كەلگەن خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىغا توز بېقىش ئويىنى ئېيتتى. ‏خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە خىزمەتكە بارغان خىزمەتداشلىرىغا توز ‏باقمىچىلىق ئىشلىرىنى ياردەم قىلىپ كۆزىتىپ بېقىشنى ھاۋالە قىلدى، ھەم ھۈسەنگە ‏ياردەم بېرىپ، 50 توز چۈجىسىنى كىرگۈزدى. ھۈسەننىڭ توز باقمىچىلىقىنى ئوڭۇشلۇق ‏ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر «توز باقمىچىلىقى تېخنىكىسى» ‏يۈرۈشلۈك كىتابلىرىنى سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا سوۋغا قىلدى. ‏‏

  2019-يىلىنىڭ بېشىدا، ھۈسەن توزدىن 10نى ساتتى، ساپ پايدىسى 10 مىڭ ‏يۈەندىن يۇقىرى بولدى. «توز باققاندىكى پايدا توخۇ باققاندىكى پايدىدىن خېلىلا ‏يۇقىرى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ماڭا ياردەملىشىپ توز باقمىچىلىقى بازىسىدا ‏تۇخۇمدىن چىقىرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە ئالاقىلىشىپ بەردى، بۇ يىل مەن يەنە ‏باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، يۇرتداشلىرىمنى يېتەكلەپ بىرلىكتە باي بولۇشقا ‏تىرىشىمەن» دېدى ھۈسەن، ھازىر، ھۈسەننىڭ باقمىچىلىق ھويلىسىدا 30 نەچچە توز، 100دىن كۆپ قىرغاۋۇل بار. (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ‏ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە ‏رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن چېن شياۋكەي تەمىنلىگەن)‏


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: باشقۇرۇش رايونى ۋە مەكتەپ رايونى بېكىتىلگەندىن كېيىن، بىر مەزگىلگىچە نىسپىي م…
    ·ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسىنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئوقۇتقۇچىلاردا
    ·نەزەربايېۋ قازاقىستان زۇڭتۇڭىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى 
    ·چېن باۋشېڭ: %86تىن ئارتۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەرگە ئامانلىق ساقلىغۇچىلار سەپلەندى 
    ·135 مىڭ ئىش ئورنى پەقەت ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈنلا مەخسۇس تەمىنلىنىشكە ساقلاپ …
    ·كېلەچەكنىڭ ئۈمىدىنى مائارىپقا يۈكلەش كېرەك 
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخى مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل ق…
    ·ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا تېخىمۇ قاتتىق قېلىپلاشقان تەلەپ ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغانل…
    ·بۇ قېتىملىق نەتىجە قەغىزىدە يارقىن نۇقتىلار كۆپ