باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭدۇڭ جيەنلىباۋ گۇرۇھىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يۈ شەنفۇ چەتئەلدىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە ئورگانلىرىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلدى

2019.04.01 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2019- يىلى 3- ئاينىڭ 28- كۈنى، مەركەزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى خەلقئارا قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەش نەتىجىسىدە، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنى سادىر قىلىپ چەتئەلگە قېچىپ كەتكىلى 17 يىل بولغان جىنايەت گۇماندارى يۈ شەنفۇ ئاخىرى چەتئەلدىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە ئورگانلىرىغا ئۆزى ھەققىدە دېلو مەلۇم قىلدى ھەمدە زاڭ ماللارنى ئاكتىپلىق بىلەن قايتۇردى.

  يۈ شەنفۇ، ئەر، 1953- يىلى 7- ئايدا تۇغۇلغان، گۇاڭدۇڭ جيەنلىباۋ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش دىرېكتورى بولغان. 2000- يىلى يۈ شەنفۇ خىزمىتىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە دۆلەت مۈلكىنى ھەدەپ يۇتۇۋېلىشتەك جىنايەتنى سادىر قىلغان. ئۇنىڭ بۇ خىل جىنايىتى خىيانەتچىلىك جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن، 2002- يىلى 8- ئايدا چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن، شۇ يىلى 9- ئايدا، تەپتىش ئورگىنى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەھقىقلەش ئېلىپ بېرىلغان.

  مەركەزنىڭ قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۈ شەنفۇنىڭ ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەھقىقلەشكە قويۇلۇشى بولسا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قېچىپ كەتكەنلەرنى چوقۇم قوغلاپ تۇتۇش ۋە ئاخىرغىچە قوغلاشتەك قەتئىي ئىرادىسى ۋە روشەن پوزىتسىيەسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى، شۇنداقلا، ئۇ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھەمدە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جانلىق پاكىتىدۇر. كېيىنكى قەدەمدە، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت سادىر قىلىپ چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى ساھەسىدىكى قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، قېچىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىشتەك خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، بۇ خىل جىنايەتلەرنىڭ ساقلانما مىقدارىنى كۈچلۈك دەرىجىدە ئازايتىپ، ئۇنىڭ ئېشىش مىقدارىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر