باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ سابىق «بىرىنچى خانىم»ىنىڭ تەرجىمىھالى نەشىر قىلىنغان بەش ئايدا، سېتىلىش مىقدارى 10 مىليون پارچىدىن ئاشتى

2019.03.28 18:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ سابىق «بىرىنچى خانىم»ى مېچىل ئوبامانىڭ تەرجىمىھالى ھازىرغا قەدەر ئەڭ بازار تاپقان تەرجىمىھال بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

  ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 26-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيەدىكى بېرتېسمان نەشرىيات گۇرۇھى: مېچىلنىڭ تەرجىمىھالى بەش ئاي ئىلگىرى نەشر قىلىنغان بولۇپ، 10 مىليون پارچىدىن ئارتۇق سېتىلدى، دېدى.

  بېرتېسماننىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى توماس رابى: «قارىشىمىزچە، بۇ ئەسلىمە تارىختىن بۇيانقى ئەڭ بازارلىق ئەسلىمە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن»، دېدى.

  باراك ئوبامانىڭ تەرجىمىھالى تېخى نەشر قىلىنمىدى. بىر نەشرىيات كارخانىسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇلى بۇنىڭدىن ئىلگىرى: ئوباما كىتابىدا ئۆزىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ، دېگەن ئىدى.

  مېچىل بۇ يىل 54 ياشتا بولۇپ، تەرجىمىھالى ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپ يېزىلغان، مەزمۇنى ئۇنىڭ كەسپى، ئاقسارايدىكى ۋاقىتلىرى ۋە ئانا بولغاندىن كېيىنى تۇرمۇشىغا چېتىلىدۇ.

  مېچىل ئۆز تەرجىمىھالىدا، ئۆزىنىڭ ئوباما بىلەن بولغان تويىنىڭ قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىى، بويىدىن ئاجراپ كېتىشنىڭ ئازابىغا ئىككىسىنىڭ قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغان. كىتابتا، ئۇلارنىڭ پروبىركىدا بوۋاق يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئىككى قىزى مارىيا بىلەن ساشانى تۇغقانلىقى ئاشكارىلانغان.

  ئۇنىڭدىن باشقا، مىچىل كىتابىدا ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى دونالد ترامپنى تەنقىد قىلغان بولۇپ، ئۇنى «مەڭگۈ كەچۈرمەيمەن»، دېگەن، چۈنكى ترامپ ئىلگىرى ئوباما ئائىلىسىنى خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

  ترامپ نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا: ئـوبـاما ئامـېـرىكىدىكى تۇنجى ئافرىقا پۇشتىدىن بولغان زۇڭتۇڭ، لېكىن ئامېرىكىدا تۇغۇلمىغان، شۇڭا ئۇنىڭ سايلىنىشى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ، دېگەن. گەرچە ئوباما تۇغۇلۇش ئىسپاتىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، لېكىن ترامپ ئۇنى «يالغان ياسىغان»، دەپ قارىغان. تاكى 2016- يىلى 9-ئايدا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى بولغاندىن كېيىن، ترامپ ئاخىرى ئوبامانىڭ ئامېرىكىدا تۇغۇلغان ئامېرىكا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

  ئوباما ئەر-ئايال ئىلگىرى نەشر ھوقۇقى كىرىمىنىڭ «خېلى كۆپ قىسمى»نى باراك ئوباما فوندى جەمئىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەير- ساخاۋەت ئورگانلىرىغا ئىئانە قىلىشقا ۋەدە قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر