باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

4-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ تۆمۈر يولدا مال توشۇش ھەققى تۆۋەنلەيدۇ

مۆلچەرلىنىشىچە، يىللىق پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش سوممىسى تەخمىنەن 6 مىليارد يۈەنگە يېتىدىكەن

2019.04.01 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، تۆمۈر يول تارماقلىرى 1- ئاپرېلدىن باشلاپ، تۆمۈر يول تارماقلىرى تۆمۈر يول يۈك توشۇش باھاسىنى چۈشۈرۈپ، قىسمەن يۈك توشۇش ھەققىنى بىكار قىلىپ ۋە تۆۋەنلىتىپ، ھەر يىلى كەڭ مال ئىگىلىرى ۋە كارخانىلارغا تەخمىنەن 6 مىليارد يۈەن پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مەركەزنىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىكەن.

  جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، 1- ئاپرېلدىن باشلاپ، تۆمۈريول تىرانسپورت مۇلازىمىتى قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ باج نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىدىكەن. جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتى مۇنۇلارنى قارار قىلدى: دۆلەت تۆمۈر يول تىرانسپورتىدىكى پۈتۈن ئاپتوموبىل ۋەيۈك ساندۇقى قاتارلىق ماللارنىڭ توشۇش باھاسىنى مۇناسىپ ھالدا تۆۋەنلىتىپ، يۈك توشۇش-چۈشۈرۈش مەشغۇلاتى مۇلازىمەت ھەققى قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك پارچە-پۇرات خىراجەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ كېچىكتۈرۈپ ئىشلىتىلىش ھەققى قاتارلىق تۆت تۈرلۈك ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىپ، باجنى كېمەيتىش ۋە ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىنى تۆۋەن ئېقىندىكى كارخانىلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يەتكۈزۈپ بېرىش نەتىجىسىدە، ھەر يىلى مال ئىگىسى ۋە كارخانىلارغا تەخمىنەن 6 مىليارد يۈەن پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىش مۆلچەرلەنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر