باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ ئېلېكتىرونلۇق كارتىسىنى پۈتۈن شىنجاڭدا تارقىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

چىپار كودنى سايىلەپلا ئالاقىدار كەسىپلەرنى بېجىرگىلى بولىدۇ

2019.04.01 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىر لى چۈنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «12333 مەملىكەتلىك بىرتۇتاش مەسلىھەت بېرىش كۈنى» پائالىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ ئېلېكتىرونلۇق كارتىسىنى پۈتۈن شىنجاڭدا تارقىتىش مۇلازىمىتى ئېچىلىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى مەسلىھەت بېرىش كۈنى پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى «ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ ئاقىلانە سىستېمىسى ۋە ئۇنىڭ ئاقىلانە مۇلازىمىتى» بولۇپ، بۇنىڭدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى ۋەندا مەيدانىدا نەق مەيداندا مەسلىھەت بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق ھالدا ئاممىغا ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ ئېلېكتىرونلۇق كارتىسى ۋە شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئاقىلانە مۇلازىنەت سىستېمىسىAPPسى قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشىنى تەشۋىق قىلدى ۋە تونۇشتۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ بۇ خىل ئېلېكتىرونلۇق كارتىسى كۆپ ئىقتىدارلىق بولۇپ، ئۇ، كىملىكنى ئىسپاتلاش، سالاھىيەتنى دەلىللەش، ھوقۇق-مەنپەئەتنى سۈرۈشتۈرۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە راسچوت قىلىش، ئىجتىمائىي كاپالەت ھەققى تاپشۇرۇش، تەمىنات ئېلىش، پۇل مۇئامىلە چىقىمى قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە ئىكەن. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ئېلېكتىرونلۇق كارتىسىدا شەخسنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە دورا دۇكىنىدا چىپار كودنى سايىلەپلا دورا سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىقتىدارلار ئېچىلغان. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ ئېلېكتىرونلۇق كارتىسىنى ئالغاندىن كېيىن، يان تېلېفوندا چىپار كودنى سايىلەش ئارقىلىقلا ئالاقىدار ئىجتىمائىي كاپالەت كەسپلىرىنى بېجىرەلەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر