باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

راكقا قارشى 17 خىل دورا داۋالاش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈلدى، فۇجيەندە ئالدى بىلەن نۇقتىدا سىناق قىلىندى

سىياسەت ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، بىمارلار رازى بولدى

2019.04.01 18:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 10- كۈنى، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى «راكقا قارشى 17 خىل دورىنى دۆلەت ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسىنىڭ B تۈرى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتقاندىن كېيىن، 11- ئۆكتەبىر، فۇجيەن ئۆلكىسى بۇ ھۆججەتنى تارقاتتى. جاڭ شۈەنخۇا مۇنداق دېدى: «2018-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ 17 خىل دورا فۇجيەننىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسىنىڭ B تۈرى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، دۆلەت بەلگىلىگەن چەكتىكى چىقىم قىلىش دائىرىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە جايلارنىڭ تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، شۇ جايدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ چىقىم قىلىش ئىقتىدارىغا بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت سۆھبەتلەشكەن دورىلارنىڭ شەخسىيلەر ئالدى بىلەن ئۆزى تۆلەش نىسبىتى مۇۋاپىق بېكىتىلىدۇ».

  سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سۈرئىتى تېز بولۇپلا قالماي، سىياسەتنى ئەمەلىي ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى يۈرۈشلۈك تەدبىرلەرمۇ ئوخشاشلا مۇكەممەل بولدى.

  فۇجيەن ئۆلكىلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تارماقلىرى ھۆججەتنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئۆلكىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى دەرھال قانات يايدۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ چىقىم قىلىش ئۆلچىمىنى بېكىتتى. نۆۋەتتە، ئۆلكە دەرىجىلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ شەخسىيلەر ئالدى بىلەن ئۆزى تۆلەيدىغان نىسبىتىدە ئەسلىدىكى فۇجيەننىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىدىكى نىلوتىنىب ۋە ئوكترىئوتىد مىكرو شارچىنىڭ %10نى ساقلاپ قالغاندىن باشقا، قالغان يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تۈرلەر %30 بويىچە بولدى؛ نەنپىڭ شەھىرى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاساسىدا %10 كۆپەيتكەندىن سىرت، باشقا جايلار ئاساسىي جەھەتتىن ئۆلكە دەرىجىلىك بويىچە ئىجرا قىلىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خېرىدار چاقىرىش سۇپىسىنى ئاشكارا تورغا چىقىرىش، داۋالاش ئاپپاراتلىرى سېتىۋېلىش، دوختۇرلار كىلىنىكىدا ئىشلىتىش ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەر بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇلدى. فۇجيەن ئۆلكىلىك دورا-سايمان بىرلەشمە سېتىۋېلىش مەركىزى دۆلەت ئېلان قىلغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىم ئۆلچىمى بويىچە توردا ئېسىپ قويۇلغان راكقا قارشى دورىلارنىڭ توردىكى باھاسى ۋە ئەڭ يۇقىرى سېتىش باھاسى چېكىنى ۋاقتىدا تەڭشىدى ھەمدە ئەسلىدە تورغا چىقىرىلمىغان دورىلارنى يېڭىدىن تورغا چىقىرىپ، دوختۇرخانىلارنىڭ ئۆلكىلىك دورا سېتىۋېلىش سۇپىسى ئارقىلىق دورا سېتىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ فۇجيەن ئۆلكىلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەركىزى ۋە جايلاردىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش ئاپپاراتلىرى ئۇچۇر سىستېمىسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، 10-ئاينىڭ 25- كۈنىدىن باشلاپ سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەتكەن داۋالىنىش خىراجىتىگە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن چىقىم قىلدى.

  جاڭ شۈەنخۇا مۇنداق دېدى: «سىياسەت يولغا قويۇلغان تۇنجى كۈنىلا، ئۆپكە راكى بىمارلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دورا پۇلىنى ئاتچوت قىلدى. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خىزمىتى بولسا خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرى بولۇپ، ئاممىنىڭ دورا ئىشلىتىش يۈكىنى يېنىكلىتىشكە مەركەز ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. بۇ قېتىم راكقا قارشى 17 خىل دورىلارنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈش بىر تۈرلۈك ئەمەلىي بولغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، بىز بىرىنچى بولۇپ ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر