باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

" ئىزدىنىش" ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە مەسىلە

2019.04.01 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 1- كۈنى نەشر قىلىنغان 7- سان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە مەسىلە» دېگەن مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يول مەسىلىسى پارتىيە ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك بىرىنچى مەسىلە ھېسابلىنىدۇ، يول پارتىيەنىڭ جېنىدۇر. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بولسا، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ نەزەرىيە لوگىكىسى بىلەن جۇڭگو ئىجتىمائىي تەرەققىيات تارىخىي لوگىكىسىنىڭ دىيالېكتىكىلىق بىرلىكىدۇر.ئۇ جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتقان، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، جۇڭگو ۋە دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلاشقان ئىلمىي سوتسىيالىزم بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بولسا، باشقا بىر خىل مەسلەك بولماستىن، بەلكى ئۇ سوتسىيالىزمدۇر. بۇنىڭدا، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، يوقىتىپ قويۇلسا سوتسىيالىزم بولماي قالىدۇ. بىر دۆلەتتە قانداق مەسلەكنى يولغا قويۇلۇشتا مۇھىمى بۇ مەسلەكنىڭ شۇ دۆلەت دۇچ كەلگەن تارىخىي مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، پەقەت سوتسىيالىزملا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ، پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزملا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ. بۇ، تارىخنىڭ يەكۈنىدۇر، خەلقنىڭ تاللىشىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر