خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-چېسلا خەلق سارىيىدا «پېشقەدەملەر ئۇيۇشمىسى» ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ ئىستىقبالى، خىرىسنىڭ چىقىش يولى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ كۆپ بىلىملىك زاتلارنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغىدى. بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ يەر شارى ماكانىنى ئورتاق ياخشى قۇرۇپ، ياخشى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىمىز. ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى ئۈچۈن بىر كىشىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. جۇڭگو بولسا تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر چوڭ دۆلەت، لېكىن بىز ئادا قىلىشقا تېگىشلىك خەلقئارا مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرمايمىز. جۇڭگو ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى كۆزلەپ، ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئالغا بېسىشىغا ياردەم بەردى. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر توغرا ھەققانىيەت-مەنپەئەت قارىشىنى يولغا قويۇپ، ئۆزى تېخى نامرات چاغدىلا ئافرىقا دۆلەتلىرىگە خالىس ياردەم بەردى. بىزنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىزدىكى مەقسەت بولسا ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى