خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ساياھەتچىلەر لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا لەگلەك ئۇچۇردى. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى ساياھەت يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر 1000 يىللىق توغراق ئاستىدا تىلەك تىلەپ، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق مىللىي ئۆرپ-ئادەت ماھارەتلىرىنى كۆردى، كۆز يەتكۈسىز تەكلىماكان قۇملۇقىدا رەڭگارەڭ لەگلەكلەرنى ئۇچۇرۇپ، ئەتىيازلىق قۇملۇق مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى