باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق گېزىتىدە مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈپ قەرز تۆلەش قالايمىقانچىلىقى ئەڭ دەسلەپكى چىقىش نۇقتىسىدىن چەتنەپ كەتمەكتە، دەپ تەنقىدلەندى

2019.04.03 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپتا مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەيدىغان قەرز ئەسلىدە پۇل مۇئامىلىدە بىر تۈرلۈك ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئىدى. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، مائارىپتا مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەيدىغان قەرز ئەسلىدە ئىقتىسادىي ئىقتىدارى يوق، ئەمما كەسپىي مائارىپ ئارقىلىق بىلىمىنى ئۆستۈرمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىشتىكى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش ئارقىلىق، تەرەققىي قىلىشىدىكى شوتا ئىدى. ئوقۇغۇچىلار ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدىغان، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسى بار بولغان، پۇل مۇئامىلە سۇپىلىرى پايدا ئالالايدىغان «ئۈچ تەرەپ پايدا ئالىدىغان» مېخانىزم ھەقىقەتەنمۇ «قارىماققا ناھايىتى گۈزەل» كۆرۈنەتتى. ھالبۇكى، قارىماققا ئەقىلگە مۇۋاپىق بولغان زەنجىردە، رېئاللىقتىكى مەلۇم ھالقا قائىدىدىن چەتنەپ كەتسىلا، مائارىپتا مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەيدىغان قەرز ئاسان ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

  مەسىلە زادى قەيەردىن چىقتى؟ ھازىرقى نۇرغۇن مىساللاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، نۇرغۇن تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى تەشۋىقاتنى مۇبالىغە قىلىپ، ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى ئوقۇتۇشتىن «خېرىدار تارتىش»قا ئۆزگەرتمەكتە؛ بەزى پۇل مۇئامىلە سۇپىلىرى بوسۇغىسىنى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بوشاشتۇرۇپ، خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلىشنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، كىرېدىتنى «قەرز ئېلىش ئاسان، قايتۇرۇش قىيىن» قىلىپ قويماقتا. «ئالغا ئىنتىلىش روھى» بار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر قېتىملىق قەرز پۇل بېجىرىش سەۋەبىدىن ناھايىتى ئاسانلا «قەرز قايتۇرۇش − قەرز سۈيلەش − قەرز قايتۇرۇش» ھالىتىگە چۈشۈپ قالسا، مەيلى قايسى تەرەپ بولسۇن، ئەڭ دەسلەپكى چىقىش نۇقتىسىدىن چەتنەپ كەتكەن بولىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، «ئالاقە تورى + پۇل مۇئامىلە + مائارىپ» تەدرىجىي ھالدا بىر مەيدان «كىرېدىت يۈرۈشلۈك ھىيلىسى»گە ئايلىنىپ قالسا، زىيانغا ئۇچرايدىغىنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە تەرەققىي قىلىۋاتقان كەسپىي تەربىيەلەش ۋە كۈنسېرى قېلىپلىشىۋاتقان پۇل مۇئامىلە سۇپىسىمۇ زىيانغا ئۇچرايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر