خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئات بەيگىسىنى كۆرۈپ، ئېسىل تائاملاردىن ھۇزۇرلىنىپ، بورتالانى ساياھەت قىلىش. 3-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بورتالا شەھىرىنىڭ ئەتىيازلىق «نادام» ئات بەيگىسى پائالىيىتى بورتالا بەيگە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن 96 «چولپان» بەيگە ئېتى مۇسابىقىگە قاتناشتتۇرۇلدى.بۇ قېتىمقى ئات بەيگىسى ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ، جەمئىي 10 مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇسابىقىنىڭ مۇكاپاتى 10 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە بولۇپ، مۇسابىقە تۈرى 2000 مېتىر، 7000 مېتىر، 8000 مېتىر، 15 مىڭ مېتىرلىق تېز سۈرئەتلىك ئات بەيگىسى ۋە ئىككى ياشلىق ئات گۇرۇپپىسىنىڭ 2000 مېتىرلىق تېز سۈرئەتلىك ئات بەيگىسى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئات بەيگىسى پائالىيىتىدە ئات بەيگىسىدىن باشقا يەنە ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى ۋە ئوقيا ئېتىش ئويۇنى تەسىس قىلىندى، ئىلى ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، بورتالا ئوبلاستىدىن كەلگەن توققۇز ئوغلاق تارتىشىش كوماندىسى ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا، بورتالا مەدەنىيەت سارىيىدىن كەلگەن ئارتىسلار نەق مەيداندا تاماشىبىنلارغا ئات باشلىق غېجەك، مىللىيچە ناخشا-ئۇسسۇل قاتارلىق سەرخىل نومۇرلارنى بېغىشلىدى.
خۇبېي ئۆلكىسى شيەنتاۋ شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى جوۋ فېڭ ئايالى ۋە بالىسىنى ئېلىپ شۇ كۈنىدىكى ئات بەيگىسىنى كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئايالىم بىلەن ئىككىمىزنىڭ ناھايىتى بۇرۇنلا شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇر ئالغۇمىز بار ئىدى، بۈگۈن بورتالادا ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىشنى كۆردۇق، بورتالانىڭ ئۆزگىچە ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندۇق، ناھايىتى خۇش بولدۇق، بۇ قېتىمقى ساياھىتىمىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولدى!
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى