باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ ياڭ ما جىيى باشچىلىقىدىكى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2019.04.02 14:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسى بىيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ رەئسى ۋاڭ ياڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭدا پارلامېنت باشلىقى ما جىيى باشچىلىقىدىكى ئاۋمىن رايون ئۆلكە دەرىجىلىك سىياسى كېڭەش ئەزالىرى بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ بېيجىڭنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: ئاۋمىن رايون ئۆلكە دەرىجىلىك سىياسى كېڭەش ئەزالىرى بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇلغان ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقتتىن بۇيان، «دۆلەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ئاۋمىنغا مۇلازىمەت قىلىش، ئەزالارغا مۇلازىمەت قىلىش» باش مەقستىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جانلىق ئىشلىدى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ۋاڭ ياڭ ئاۋمىن رايون ئۆلكە دەرىجىلىك سىياسى كېڭەش ئەزالىرى بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى شىياڭگاڭ، ئاۋمىننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئىچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۈگىنىپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە مەركەزنىڭ ئاۋمىنغا قاراتقان چوڭ سىياسەت، فاڭجىنلىرىنىڭ تەشۋىقاتچىلىرى، تارقاتقۇچىلىرى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرى بولۇپ، يېڭى دەۋىردىكى دۆلەتنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش مۇساپىسى ۋە گۇۋاڭدۇڭ- شياڭگاڭ-ئاۋمىن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سېڭىشىپ، يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى، ياش-ئۆسمۈرلەرگە غەمخۇرلۇق قىلىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىشىنى، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئاۋمىن رايون ئۆلكە دەرىجىلىك سىياسى كېڭەش ئەزالىرى بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ خىزمىتىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئاۋمىننىڭ ئۇزاق مۇددەت گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر