باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئالىملىرى يېڭى كاتالىزاتور سىستېمىسى بايقىدى

2019.04.02 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ ياش ئالىملار ئەترىتى يېقىندا پۈتۈنلەي يېڭى بىر كاتالىزاتور سىستېمىسىنى بايقىدى، بۇ نەتىجە تەتقىقات ماقالىسى شەكلىدە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ژۇرنال «ئىلىم-پەن»دە توردا ئېلان قىلىندى.

  جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىسى فۇ ياۋ، شاڭ رۇينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كاربوكسىلىك كىسلاتا بىرىكمىلىرى كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن، كاربوكسىلىك كىسلاتا بىرىكمىسىدىكى كاربوكسىلنى ئايرىۋەتكەندىن كېيىن ھاسىل بولغان ئەركىن رادىكال پارچىسىنىڭ ماتېرىيال، دورا ياساش قاتارلىق كەسىپلەردە مۇھىم ئىشلىتىلىش ئورنى باركەن. لېكىن ئەنئەنىۋى كاربوكسىلسىزلاندۇرۇش ئۇسۇلى ئادەتتە يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا ئېلىپ بېرىلىپ، سانى كۆپ، تۈرى ئېنىقسىز ھەرخىل قوشۇمچە مەھسۇلاتلارنى ھاسىل قىلىدىكەن. شۇڭا، يېڭىچە ئەرزان كۆپ ئىقتىدارلىق فوتوكاتالىز سىستېمىسى بەرپا قىلىش خەلقئارادىكى كەسىپداشلارنىڭ تەتقىقات قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان.

  فۇ ياۋ ۋە شاڭ رۇي تەتقىقات ئەترىتى تۇنجى قېتىم «كۆرۈنىدىغان نۇر قوزغاتقان مولېكۇلا ئارىسىدىكى زەرەت يۆتكەشنى يورۇقلۇقتىن ئوكسىدلىنىش-ئوكسىدسىزلىنىش كاتالىزىغا ئىشلىتىش» يېڭى ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بىر خىل ئاسان ئېرىشكىلى بولىدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مۇھىت ئاسرايدىغان مېتاللوئىدئانىئون مۇرەككەپ بىرىكمە فوتوكاتالىز سىستېمىسىنى بايقاپ، ياغ كاربوكسىل كىسلاتاسى تۇغۇندىلىرىنى كاربوكسىلسىزلاندۇرۇش رېئاكسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەزكۇر كاتالىز سىستېمىسى ئوكسىد-ئوكسىدسىزلىنىشنىڭ دەۋرىيلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن، يەنە كاتالىز جەريانىنى زور دەرىجىدە ئاددىيلاشتۇرۇپ، فوتوكاتالىزاتورنىڭ تەننەرخىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتەلەيدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر