باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «2019جۇڭگو- تېنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى ساياھەت يىلى» پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى

2019.04.02 13:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  « 2019جۇڭگو- تېنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى ساياھەت يىلى» پائالىيىتى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ساموئانىڭ پايتەختى ئاپىيەدە باشلاندى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقى بىلەن تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، بىر بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى دوستلار، تەرەققىيات ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ ئۇتۇق قازىنىدىغان ياخشى شېرىكلەر، بىر-بىرىنى چۈشىنىدىغان، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ ئۆرنەك ئالىدىغان ياخشى قېرىنداشلار، دۆلەتلەر چوڭ كىچىك دەپ ئايرىلماي بىردەك باراۋەر بولۇشنىڭ ئۈلگىسى. 2018-يىلى 11-ئايدا مەن تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىسىدە كوللېكتىپ ئۇچراشقان، ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتەك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلۇپ، جۇڭگونىڭ ئارال دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقان ئىدۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلدى:« 2019جۇڭگو تېنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى ساياھەت يىلى» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش- مەن تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن پاپۇئا يېڭى گۋىنىيسىدە ئۇچراشقان مەزگىلىدە ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش. ئىككى تەرەپنىڭ بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە خادىملار ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو خەلقى ۋە تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر