- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش»نىڭ ئوخشىمىغان لايىھەلىرىگە يەنە بىر قېتىم ئاۋاز بەردى
ھېچقانداق بىر لايىھە كۆپ سانلىقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى
2019.04.02 16:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى 1-ئاپرېل ئىككىنچى قېتىملىق «يوليورۇق خاراكتېرلىك بېلەت تاشلاش» ئۆتكۈزۈپ، «تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى»، «ئورتاق بازار 2.0» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش»تىكى تۆت خىل لايىھە تەكلىپىنى ئاۋازغا قويدى. ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۆت خىل لايىھەنىڭ ھەممىسى كۆپ ساندىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن.
ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى ئەنگلىيە-ياۋروپا ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن مۆھلەتتىن بۇرۇن «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش» كېلىشىمىنى ماقۇللاپ بولالمىغانلىقتىن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى چوقۇم 4-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن بۇرۇن يېڭى لايىھەنى ئېلان قىلىپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش»نى تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك كېچىكتۈرۈش ياكى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز چىقىپ كېتىش»نى تاللىشى كېرەك.
ئەنگلىيە ئەسلىدە 29-مارت رەسمىي ھالدا «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش»ى كېرەك ئىدى، لېكىن ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىككى تەرەپ يېقىندا بىردەك «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش»نىڭ ئارقىغا سۈرۈلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر