خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاپرېل جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش ئارقىلىق، سىچۈەن لياڭشەننىڭ مۇلى ناھىيەسىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدە ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان 30 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنىڭ ھەممىسى ئىزدەپ تېپىلغان بولۇپ، ئورمان ئوت مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ 27 ئەزاسى ۋە ئۈچ نەپەر يەرلىك كادىر، ئامما قۇربان بولغان. سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش، قۇربان بولغانلارنىڭ جەسىتىنى تونۇتۇش، ئائىلە تەۋەلىرىگە نەپىقە بېرىش، ھال سوراش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن يېتەكچىلىك قىلماقتا ئىكەن.
سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، سىچۇەن شىچاڭنىڭ چىڭشەن ئايرودرومىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش ۋاقىتلىق قوماندانلىق ئىشتابىدا، قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكىلەر قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى تەتقىق قىلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى