خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يىلنىڭ بېشى باھاردىن. 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى 9-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئىلى ئۆرۈك چېچىكى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى ئۆرۈك ماكانى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئىناق ئۆرۈك باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا «گۈللەنگەن جۇڭخۇا، ئىلىدا باھار»، ناخشا-ئۇسسۇل «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق»، «گۈل تۇتۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش»، «مەن ۋە ۋەتىنىم»، چىپاۋ نومۇرى «چىپاۋ ئەتلەسكە يولۇققاندا» قاتارلىق بىر قاتار ئېسىل نومۇرلار ئورۇنلاندى، ئېسىل نومۇرلار باغچىغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ھازىر ئۆرۈك ماكانى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ زېمىنى ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، كىشىلەر ئۆرۈك چېچىكىدىن ھۇزۇرلىنىپ، گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىپ، باھارنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى