خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، خەلق گېزىتى بىلەن بېيجىڭ خان سارىيى مۇزېيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى خەلق گېزىتىنىڭ يېڭى تاراتقۇلار بىناسىنىڭ ئاڭلىتىش زالىدا رەسمىي ئىمزالاندى. ئىككى تەرەپ يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول ئادىمىيەت تارىخى فوتو سۈرەتلىرىنى توپلاش ۋە كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى» ۋە «بېيجىڭ خان سارىيىدىكى مەدەنىيەت بۇيۇملىرى» دېگەندەك مەدەنىيەت ئىجادىيەت تۈرىگە ئائىت ئىككى تۈرلۈك كونكرېت كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشتى.
خەلق گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى جاڭ شوۋيىڭ سۆز قىلدى. ۋاڭ ۋېي فوتوسى
بۇ قېتىمقى كۈچلۈكلەر بىرلەشمىسىگە قارىتا، خەلق گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى جاڭ شوۋيىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ خان سارىيى مۇزېيىنىڭ خەلق گېزىتى بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى بولسا، كۈچلۈكلەرنىڭ بىرلىشىشى ھېسابلىنىدۇ، ھەم شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇشى، جۇڭخۇا ئېلىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بېيجىڭ خان سارىيى بولسا، دۇنياۋى دەرىجىلىك مۇزېي بولۇپ، ئۇ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدۇ. خەلق گېزىتىنىڭ بېيجىڭ خان سارىي بىلەن بولغان ھەمكارلىقى بىزنىڭ داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە يۇغۇرما تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى پەللىگە چىققانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز خەلق گېزىتىنىڭ يۇغۇرما تاراتقۇ ۋە تاراتقۇلار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرىمىز، بېيجىڭ خان سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان بايلىقلارنى كۆپ تىللىق ۋاسىتە ئارقىلىق، ھەر تەرەپلىمە ۋە كۆپ قاتلاملىق قىلىپ ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان ئىدىيەۋى قاراش، ئىنسانىي روھ ۋە ئەخلاق ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر قېزىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە خاراكتېرى، ئۆزگىچە روھى ۋە ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىمىز. بىز بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىپ، مەدەنىي ئىجادىيەت ساھەسىنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى تىرىشىپ تىكلەيمىز، شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئارقىلىق، تاراتقۇ مەدەنىيىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسىنى بەرپا قىلىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى