باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 57 ئادەم قازا قىلدى

2019.04.03 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران جىددىي قۇتقۇزۇش تارماقلىرى 2-ئاپرېل ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن ئىككى ھەپتىدە، ئىران تەۋەسىدە كۆرۈلگەن سىجىل كەلكۈن ئاپىتىدە ئاز دېگەندە 57 ئادەم قازا قىلدى، 478 ئادەم يارىلاندى، دېدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىران تەۋەسىدە كەڭ دائىرىدە ئۇدا يامغۇر يېغىپ، ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى پەيدا قىلغان. كەلكۈندە ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىشتىن باشقا، ئىراننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېغىر زىيان سالغان، بەزى شەھەرلەر ۋە يېزا-كەنتلەردىكى ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەر ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

  ھازىر ئىراننىڭ غەربىدىكى نەچچە ئون يېزا-بازاردا ھۆلچىلىك ئاپىتى كۆرۈلدى.

  ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى ھامىنىيى 2-چېسلا ئىران ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەگە كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشكىللەش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر