باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: تۆت چوڭ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2019.04.03 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى 2-ئاپرېل «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى 2.0نى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ) ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېگەن: «پىكىر» توققۇز تۈرلۈك ئاساسلىق تەدبىر ئارقىلىق، تۆت چوڭ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئۇچۇر ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ئوقۇش-ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلغان.

  ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق تونۇشتۇردى: «پىكىر»دە مەكتەپنىڭ ئۇچۇرلاشقان ئوقۇش-ئوقۇتۇش ئىسلاھات تەرەققىياتى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن قوللىنىش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەشكە يېتەكلەش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، «ھالقىلىق كىشىلەر توپى»نى چىڭ تۇتۇپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، تېخنىكا تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، 2022-يىلىغا بارغاندا، مەكتەپنى مەركەز، دەرسخانىنى ئاساس، مەشغۇلات تۈرىنى تۈرتكە قىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، دەل جايىدا توغرا باھالايدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇچۇر ساپاسى تەرەققىياتى يېڭى مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئۈلگە تۈرلەر ئارقىلىق جايلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن قوللىنىش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۇچۇرلاشقان رەھبەرلىك كۈچى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلاشقان ئوقۇتۇش ئىقتىدارى، تەربىيەلەش كوللېكتىپىنىڭ ئۇچۇرلاشقان يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ئوقۇش-ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر