باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭگاڭدا 4-ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

2019.04.03 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭ مەركىزىي كۇتۇپخانىسى 2-ئاپرېل «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش − ‹4-ماي› ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزدى، بۇ كۆرگەزمىنى شياڭگاڭ ھەر ساھە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، شياڭگاڭ دوستلۇق ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق نۇرغۇن ئاپپاراتلار بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، كۆرگەزمە 2-ئاپرېلدىن 14- ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدۇ.

  كۆرگەزمە «جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش»، «قاينام-تاشقىنلىق يىللار» ۋە «گۈللىنىشكە ئاتلىنىش»تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئاساسلىقى «4-ماي» ھەرىكىتى ۋە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان جەمئىي 300 پارچىدىن ئارتۇق قىممەتلىك تارىخىي سۈرەتلەر كۆرگەزمە قىلىنغان.

  يېقىندا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۇ شىننىڭ تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: مەيلى 4-ماي ھەرىكىتىنىڭ قايناملىرىدا بولسۇن ياكى 100 يىللىق ئىزدىنىش مۇساپىسىدە بولسۇن، شياڭگاڭ ئەزەلدىن ئۆزىنى چەتكە ئالمىدى. شياڭگاڭنىڭ تەقدىرى باشتىن- ئاخىر ۋەتەننىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى باشتىن- ئاخىر پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ چوڭقۇر مىللىي ھېسسىياتتۇر.

  لۇ شىننىڭ: «بۇنىڭدىن كېيىن، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسى داۋاملىق شياڭگاڭ جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە شياڭگاڭ ياشلىرى بىلەن بىرگە بولۇپ، ئۇلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، يۈرەك ساداسىنى تىڭشاپ، ئۇلارنىڭ ياشلىق كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ سەھنە ھازىرلاپ، دۆلەت ۋە شياڭگاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر