باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشلىدى

2019.04.03 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 2- ئاپرېل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشلاپ، 16 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان ياشلاردىن ئەمگەك ئىقتىدارى بار ۋە ئىشسىز قالغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقانلارنى بۇ پىلانغا كىرگۈزۈپ، خىزمەت ئىزدەش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانلىرىنى قاپلىغان ھالدىكى ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېھتىياجلىق ئىشسىزلارنى مۇناسىۋەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە مۇلازىمىتىگە ئىگە قىلدۇرىدىكەن.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا بىرلىشىپ تارقاتقان «ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا، ئىشسىز قالغان ياشلارنى نىشانلىق ھالدا رەتكە تۇرغۇزۇپ تىزىملاپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى، ئىشسىزلىق سەۋەبى، خىزمەت ئىزدەش مۇددىئاسى، ماھارەت سەۋىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەپ، ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئۇچۇر سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇش؛ پىدائىيلار مۇلازىمىتى، ئاساسىي تېما كۆرگەزمىسى، كوللېكتىپ كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ئەمەلىي پائالىيەتلەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشسىز قالغان ياشلارنى ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى، كارخانىلار ۋە سانائەت رايونلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ كەسىپكە بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىزدەش ئارزۇسى بار ياشلارنى بىر قېتىم كەسپىي ساپاسىنى باھالاپ، كەسىپ ئورنىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپ ھالدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىشسىز قالغان ۋە تەربىيەلىنىش ئارزۇسى بولغان ياشلار شۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ روھى بويىچە كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇلۇپ تەربىيەلىنىدىكەن، ھەمدە ئۇلار قاراتمىلىقى بولغان ھالدىكى تەربىيەلەش تۈرى بىلەن تەمىنلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئاز دېگەندە بىر خىل مەخسۇس ماھارەتنى ئىگەللىۋېلىشىغا ياردەم بېرىلىدىكەن؛ ماھارەت تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلارغا كەسپىي مەكتەپلەر ۋە تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئوقۇش تەۋسىيە قىلىنىدىكەن؛ خىزمەت تەجرىبىسى كەمچىل بولغانلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئىش ئورنىغا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر