باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك كۆزىتىشى تولۇق ئورۇنلاشتى

كۆزىتىش ئورنىدا ئىككى يېرىم ئاي ئىشلەيدۇ

2019.04.03 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:4-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3-نۆۋەتلىك كۆزىتىشىنىڭ 15 گۇرۇپپىسى ئۈچ مەركەز ئورنى ۋە 42 كارخانىغا ئورۇنلىشىشىپ بولدى، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3-نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 19-نۆۋەتلىك مەركەز 3-نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى، دۆلەتلىك دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسى قاتارلىق ئۈچ مەركەز ئورنى، شۇنىڭدەك جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو كېمە-پاراخوت سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 42 دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىدا دائىملىق كۆزىتىشنى قانات يايدۇردى.

  3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، كۆزىتىلگەن ئورۇنلار كۆزىتىش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى كۆزىتىلگەن پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر