باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

2019.04.03 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خەلق ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى مەركەزنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۇقسانلىرىنى تۈگىتىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق ئىشلىرى خىزمىتى خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، ئەل رايىغا مۇناسىۋەتلىك، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ كاپالىتى بولۇپ، ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام خەلق ئىشلىرى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا، دىققەتنى ئالاھىدە توپقا، دىققەتنى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، ئاساسىي جەمئىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر