سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدا، ئۇكرائىنا مەركىزىي سايلام كومىتېتى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇكرائىنا مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ 2-ئاپرېل ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى بېلەت ھېسابلاش ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئارتىس فلادىمىر زېلېنسكىي ۋە زۇڭتۇڭ پېترو پوروشېنكونىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى باشقا نامزاتلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان بولۇپ، 2- نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاش ئارقىلىق زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى كىمنىڭ قولغا كەلتۈرىدىغانلىقى بېكىتىلىدىكەن.
ئۇكرائىنا مەركىزىي سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان رېئال ۋاقىتلىق سايلام بېلىتىنىڭ ئىستاتىستىكا ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاپرېل سائەت يەتتىگىچە، ئىستاتىستىكا قىلىنغان %97.7 سايلام بېلىتىدە، زېلېنسكىنىڭ ئېرىشكەن ئاۋاز نىسبىتى %30.2 بولغان، پوروشېنكونىڭ ئېرىشكەن ئاۋاز نىسبىتى %15.9 بولغان. سابىق زۇڭلى يۇلىيە تىموشېنكونىڭ ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتى %13.4 بولۇپ، پوروشېنكونىڭكىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ئۈمىد يوق بولغان.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ سايلىمى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۆتكۈزۈلدى، 39 نامزات سايلامغا قاتناشتى. ئۇكرائىنا سايلام قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بېلەت تاشلاشتا ھېچقايسى نامزات %50تىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشەلمىسە، ئېرىشكەن ئاۋاز نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئىككى نامزات ئىككىنچى نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاشقا قاتنىشىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرقى يەڭگۈچى تاللاپ چىقىلىدۇ. يېڭى زۇڭتۇڭ 6-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن بۇرۇن قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى