باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش ھەيدەكچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تېلېفون، خەت ساندۇقىنى ئاشكارىلىدى

مۇشتۇمزورلۇققا، رەزىللىككە چېتىشلىق پاش قىلىش يىپ ئۇچى قوبۇل قىلىدۇ

2019.04.03 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاپرېل، مەملىكەتلىك مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش بويىچە 11-چېسلادىن 21-چېسلاغىچە ھەيدەكچىلىك- يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھەممىسى پاش قىلىش تېلېفونى ۋە پوچتا خەت ساندۇقىنى ئاچتى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلغان بولۇپ، مۇشتۇمزورلۇققا، رەزىللىككە چېتىشلىق پاش قىلىش يىپ ئۇچى قوبۇل قىلىدۇ.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «مەملىكەت بويىچە مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمەت لايىھەسى» نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 4-ئاينىڭ باشلىرىدا، مەركەزنىڭ مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش ھەيدەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى تيەنجىن، جىلىن، جېجياڭ، ئەنخۇي، جياڭشى، خۇنەن، گۇاڭشى، خەينەن، گۇيجۇ، يۈننەن، شىنجاڭ قاتارلىق 11 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە بېرىپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرىدۇ، ئورۇنلىشىش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن بىر ئاي بولىدۇ. قارا، رەزىل كۈچلەرنى پاش قىلىش يىپ ئۇچىنى قوبۇل قىلىپ، ئاممىنى كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ قاتتىق نەپرەتلىنىدىغان ھەر خىل قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلىرىگە دەل جايىدا زەربە بېرىشنى كۈچلۈك قوللاشنى مەقسەت قىلىپ، پاش قىلىش تېلېفونى ۋە پوچتا خەت ساندۇقى ئېچىلدى.

  مەملىكەتلىك مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش ئىشخانىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: تېلېفون قوبۇل قىلىش ۋاقتى ھەر كۈنى سائەت 8 دىن 20 گىچە بولىدۇ، جايلاردىكى ئاممىنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى شۇ جايغا كىرگەندىن كېيىن، پاش قىلىش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىشىنى سورايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر