باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

4-ئايدا يەنە قار تېيىلغىلى بولىدۇ

كۆكتوقاي پۈتۈن مەملىكەتتىكى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى ھەيران قالدۇردى

2019.04.03 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۆك ئاسمان ئاستىدا، قارلىق دالىدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تۆت كىشىلىك قار تېيىلىش مۇسابىقىسى ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى ئالتاي تېغى كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. 4-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ گېزىتچىلىك ئاخبارات تارقىتىش گۇرۇھى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆمىكى نەق مەيداندا پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلارغا «باھارنىڭ 3-ئېيىدىكى ياغقان قاردا قار تېيىلىش» كۆرۈنۈشىنى كۆرسەتتى.

  __ «بۈگۈنكى قار تېيىلىش مۇسابىقىسىدە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ناھايىتى خۇشال بولدى. 4-ئاينىڭ 11-كۈنى بىزنىڭ يەنە بىر مەيدان دالا قار تېيىلىش مۇسابىقىمىز بار، قار پەسلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەتراپىدا ئاياغلىشىدۇ»،__ 4-ئاينىڭ 1-كۈنى كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ تىجارەت باش نازارەتچىسى جاۋ ۋېينەن مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە 12 كوماندا قاتناشتى، ھەر بىر كوماندىدا ئىككىدىن ئەر، ئىككىدىن ئايال بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى يەككە تاختا ماھىرى، ئىككى جۈپ تاختا ماھىر بار. مۇسابىقە ئىنتېگرال شاللاش مۇسابىقە تۈزۈمى بويىچە جەمئىي ئۈچ ئايلانما ئېلىپ بېرىلدى. ئىككى سائەت مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق كۆكتوقاي ناھىيەسىكى داڭلىق MAX كۇلۇبى ۋە قار تۈلكىسى كۇلۇبى بىرىنچى بولدى، ئالتاي قار تېيىلىش جەمئىيىتى ئۈچىنچى بولدى.

  __ «بىز خېبېي ئۆلكىسى چۇڭلى قار تېيىلىش مەيدانىدىكى قار تېيىلىش كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى، چۇڭلىنىڭ قار پەسلى ئاخىرلاشتى، لېكىن بىز تېخى ئويناپ قانمىدۇق. بۇ قېتىم كۆكتوقايغا كېلىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ بەك خۇش بولدۇم، مەن يەنە بىر نەچچە كۈن قار تېيىلىمەن»، __ بىر قار تېيىلىش ھەۋەسكارى شۇنداق دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر