باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار 20-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىش باش تېمىلىق مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى (20-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى)

2022.10.13 01:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئالتۇن كۈز، ھوسۇل يىغىش مەزگىلى.

  جايلارنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزىدە، 20-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىش باش تېمىلىق مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيەتلىرى قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى.

  چۇڭچىڭ شەھىرى نەنچۇەن رايونى دېلۇڭ بازىرى يىنشىڭ كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئالدىغا قىپقىزىل مۇچ، سېرىق كۆممىقوناقلار ئېسىلغانىدى. يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پونكىتىدا، يىلدىن-يىلغا مول ھوسۇل ئېلىنغانلىقى، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغاندا، كەنت ئاھالىلىرى خۇشال بولۇپ كەتتى.

  «نەنچۈەندىكى بۇ ئون يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەر ھەقىقەتەن كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، شەھەر مەنزىرىگە تاياندى، مەنزىرە يېزىلارغا يۇغۇرۇلدى، يېزىلار شەھەرگە ھەمدەم بولدى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتىدۇ، كونا شەھەرنىڭ شەرقىي كوچىسى ھەشەمەتلىك تۈسكە كىردى...» شۇ جايدىكى تەشۋىقات پىدائىيسى ياۋ جېن جانلىق بايان قىلدى. كەنت ئاھالىلىرى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، زوق-شوق بىلەن ئاڭلىدى.

  «بۇ ئۆزگىرىشلەرنى بىز ھەقىقىي ھېس قىلدۇق!» __ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن كەنت ئاھالىسى ۋېي يى ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى شەھەر رايونىدىن دېلۇڭ بازىرىغىچە بولغان تاشيول ئوڭغۇل-دوڭغۇل بولۇپ، بىر قېتىم ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن پۈتۈن بىر كۈن مېڭىشقا توغرا كېلەتتى، ھازىر ئازادە، تەكشى يېزا-كەنت تاشيولى ئىشىك ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى.»

  «ساياھەتكە كېلىدىغانلارمۇ كۆپەيدى. بۇ يىل 8-ئايدا، مەن كونا ئۆيۈمنى دېھقانلار ئارامگاھىغا ئۆزگەرتتىم، دائىم مېھمانلار توشۇپ كېتىدۇ.» __ كەنت ئاھالىسى ۋېي دېڭرۈي ئۆزىنىڭ ھوسۇلىنى تىلغا ئالغاندا، بىر جۈپ كۆزىدىن كۈلكە جىلۋىلىنىدۇ.

  «يەنە داۋاملىق كۈرەش قىلىش كېرەك!»، «پارتىيەنىڭ گېپىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئاڭلاپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز!» __ كەنت ئاھالىلىرى ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن سۆزلىدى، كۈلكە، ئالقىش سادالىرى يىراقلارغا تاراپ كەتتى.

  «كېلىڭلار، بەختنى سۈرەتكە تارتىۋېلىپ، كۈلكىمىزنى نامايان قىلايلى!» __ ياندىكى «پۇقرالار سۈرەتكە ئېلىش زالى»دا، پىدائىيلار فوتو ئاپپاراتنى تەڭشەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى.

  ئۆزگىرىشلەر بايان قىلىنىپ، بەخت نامايان قىلىندى، چۇڭچىڭ شەھىرى نەنچۈەن رايونى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى «كىچىك كاناي»، «كىچىك ئورۇندۇق»، «كىچىك يۈدمە سېۋەت» قاتارلىق خاس تەشۋىقات قوشۇنى، 706 نەپەر «پۇقرا سۆزمەنلەر»، بېيىش باشلامچىسى قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ، پۈتۈن رايوندىكى 820 دىن ئارتۇق مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئورنى، پونكىتى، نۇقتىسى ھەم ئاممىنىڭ ئىشىك ئالدىدا قۇرۇلغان «تۈزلەڭلىكتىكى ماي قاچىلاش پونكىتى»غا كىرىپ، «ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلىپ، بەختنى نامايان قىلىش» — «پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىپ، بەختلىك تۇرمۇشنى بايان قىلىمەن» يۈرۈشلۈك لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ۋە «بەختنى سۈرەتكە تارتىش» پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىدىن 1200 مەيداندىن ئارتۇق قانات يايدۇردى.

  بۇ يىلدىن بۇيان، شەھەر-يېزا ئاساسىي قاتلاملىرىغا تارقالغان يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى (پونكىتى، ئورنى) ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى تەربىيەلەش، ئاممىنى يېتەكلەش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتەك ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، 20-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىش باش تېمىسىدىكى مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، نەزەرىيەنى چوڭقۇر، چۈشىنىشلىك سۆزلەپ، ئۆتمۈشكە سېلىشتۇرۇپ ئۆزگىرىشنى سۆزلەپ، بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىپ، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن قويۇق كەيپىيات ياراتتى.

  10-ئاينىڭ 6-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى پىڭدۇ شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسى جىڭ ئېن ليۇ چيەنچۇنىڭ قىزىل مەدەنىيەت باغچىسىغا كىردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى ھەم ئىلھاملاندۇردى، مەن ھازىرنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىمەن.»

  ئاپتوبۇسلاردا چوڭقۇر مۇھەببەت بايان قىلىندى، مەيدان-سارايلار ئىچىدە ئۈن-سىنلار قويۇلدى، ماددىي بۇيۇملار ئىچىدە ھەقىقىي ئادەم، ھەقىقىي ئىش، ھەقىقىي روھلار نامايان قىلىندى... شەندۇڭ ئۆلكىسى پىڭدۇ شەھەرلىك يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى «20-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىش-قىزىل ئىزنى ئىزدەش» قىزىل كارتا سۈركەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى؛ پارتىيە تارىخى سارىيى، مۇزېي، خاتىرە سارىيى، ئىنقىلابىي كونا ئورۇن قاتارلىق قىزىل بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، دەرىجىسىنى مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش بازىسىغا ئۆستۈرۈپ، «قىزىل پاسپورت» لايىھەلەپ، «قىزىل خەرىتە» سىزىپ، «قىزىل لىنىيە»نى بېيىتىپ، «قىزىل ئاممىۋى ئاپتوبۇس» تەسىس قىلىپ، پۈتۈن شەھەردىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى، بولۇپمۇ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى؛ كىشىلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلىش جەريانىدا پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىپ قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشقا يېتەكلىدى.

  پىڭدۇ شەھەرلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ شيۇشيا چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «قىزىل كارتا سۈركەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، بالىلار جاپالىق، شانلىق ئۆتمۈش بىلەن پارلاق كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرۇپ، قەلبىدە ۋە قەلىمىدە قىزىل رەڭ ۋە دۆلەت ئائىلە ھېسسىياتى كۆپەيدى.»

  «خۇاڭخۇاتاڭ ئېسىمگە كەلدى، ئۇ يەر مېنى تۇغقان جاي، سۇلىرى شۇنداق تاتلىق، گۈرۈچلىرى شۇنچە خۇش پۇراق. ئۇ يەردە مېنىڭ نۇرغۇن ئىنىكئانىلىرىم بار، بىر مۇنچە ئائىلە مېنى ئىمىتىپ باققان...» __ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شۈيى ناھىيەسى شۈچېڭ كوچىسىنىڭ چېڭبېي مەھەللىسىدىكى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پونكىتىدا، ناھىيەلىك خۇاڭمېي تىياتىر ئۆمىكىنىڭ «ئويۇن قويۇش چەۋەندازلىرى» يېڭى تۆتىنچى ئارمىيەنىڭ پېشقەدەم جەڭچىلىرى ئىجاد قىلغان «خۇاڭخۇاتاڭ ئېسىمگە كەلدى» ناملىق ناخشىنى ئورۇنلىغاندا، كۆپچىلىك پۈتۈن دىققىتى بىلەن بېرىلىپ ئاڭلىدى...

  شەھەر ئاھالىسى ليۇ رېنخۇڭ مۇنداق دېدى: «داداممۇ ئىلگىرى يېڭى 4-ئارمىيەنىڭ جەڭچىسى ئىدى، بۇ ناخشىنى ئاڭلاپلا تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتتىم. قىزىل ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆپرەك تارقىتىپ، قىزىل گېنغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىكنى پارتىيە رەھبەرلىكىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىنى بېسىپ، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇشقا چاقىرىش كېرەك!»

  «قىزىل قان تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، كاتتا مەرىكىنى كۈتۈۋېلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش كېرەك» __ جياڭسۇنىڭ شۈيى ناھىيەسى «پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، پولاتتەك يېڭى 4-ئارمىيەنى ياد ئېتىش» قىزىل ھېكايىلەر كۆرگەزمىسى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، «قىزىل قۇياش»، «تيېجۈنۋا» قاتارلىق يەرلىك ئەل ئىچى سەنئەت ئۆمەكلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزى، ئورنى، بېكەت ۋە باغچە، مەيدان، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، يېڭى 4-ئارمىيەنىڭ ئارمىيە ئىشتابى خاتىرە سارىيى قاتارلىق 200 دىن ئارتۇق سورۇندا كۇەيبەر، «ئۈچ يېرىم جۈملە» قاتارلىق ئەدەبىيات-سەنئەت شەكلىدىكى ئىنقىلابىي ھېكايىلەرنى سۆزلەشكە تەشكىللەپ، ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  شاڭخەي جىڭئەن رايونى «100 يىللىق ئەسلىي مەقسەت يولى، مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تايانچ پىدائىيلىرىنى تەشكىللەپ، دىققەتنى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە تەشۋىقاتى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، قانۇن مۇلازىمىتى قاتارلىق مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا سىڭىشىگە تۈرتكە بولدى؛ جېجياڭ نىڭخەي ناھىيەسى «20-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىش، مەدەنىيلىك يېنىمىزدا» باش تېمىلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەلىرى، مىكرو پارتىيە دەرسى، يەرلىك مەدەنىيەت كۆرىكى، ئاممىغا قولايلىق مۇلازىمەت، ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنى مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كوللېكتىپ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاممىغا يۇرتنىڭ تەرەققىيات-ئۆزگىرىشلىرىنى ھېس قىلدۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يېڭى دەۋرگە كىرگۈزدى...

  ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزىدىن جەمئىي 2817 سى، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئورنىدىن 38 مىڭدىن كۆپرەكى، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پونكىتىدىن 580 مىڭدىن كۆپرەكى قۇرۇلۇپ، پىدائىيلار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايدى. جايلار پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىشنى چۆرىدەپ مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدىغان، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئامما چوڭقۇر قارشى ئالىدىغان ئاساسىي تېمىلىق مەدەنىيەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ئاددىي-ساددا، ئەمەلىي، ئىللىق، قىزغىن بولۇپ، ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش داۋامىدا ئاممىنى ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، جاسارەتلىك بولۇشقا يېتەكلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر