مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى تىزگىنلەش» سۇيىقەستى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ دەخلى-تەرۇز

— جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە شىنجاڭغا ئالاقىدار قارار لايىھەسىنى مەغلۇپ قىلغانلىقى توغرىسىدا

2022.10.10 01:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە، ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى تۇرۇشلۇق بارچە دۆلەت سارىيىنىڭ 20-نومۇرلۇق يىغىن زالىدا بوش ئورۇن قالمىدى، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ۋە مۇخبىرلار بىر تۈرلۈك ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىنى كۈتمەكتە ئىدى.

  ئەڭ ئاخىرقى بېلەت تاشلاش نەتىجىسى چوڭ ئېكراندا كۆرۈلگەندە، يىغىن مەيدانىدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى بەس-بەستە جۇڭگو ۋەكىللىرىنى تەبرىكلىدى.

  شۇ كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئامېرىكا باش بولۇپ تاپشۇرغان شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى بىر قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلدى. گەرچە ئامېرىكا بۇ لايىھەنى كۆڭۈل قويۇپ ئورىغان ھەمدە بەزى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ باشقا ئەزا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن لايىھە يەنىلا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى كۆپ ساندىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان كەڭ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سۇيىقەستى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.

  نەق مەيداندا تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى ئاۋاز بېرىپ لايىھەنى قوللاشقا جەلپ قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ۋە قىسمەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى لايىھەنى بىتەرەپ، ھېچقانداق سىياسىي مەقسىتى بولمىغان تەرتىپ مەسىلىسى قىلىپ پەردازلىماقچى بولدى، لېكىن بۇ يالغانچىلىق ناھايىتى تېزلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئېچىپ تاشلاندى.

  كۇبا ۋەكىلى خۇئان رومان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ لايىھەدە جۇڭگو نىشان قىلىندى، ئۇنىڭ ماھىيىتى غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قورال قىلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولۇشىدىن ئىبارەت. ئۇ سۆزىدە سالماقلىق بىلەن مۇنداق سورىدى: بۇ لايىھەنى سۇنغان دۆلەتلەر ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي: «شىنجاڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىمىز» دېدى، جۇڭگو ئىلگىرى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى مەزگىلىدە كۆپ قېتىم يانداش يىغىن تەشكىللەپ، شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، جۇڭگو يەنە كۆپ قېتىم ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنى شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، ھەتتا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدى، تەكلىپ بەرگەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى نېمىشقا ئەزەلدىن بۇ پائالىيەتلەرگە قاتناشمايدۇ؟

  جۇڭگونىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش باشقارمىسى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى چېن شۈ شۇ كۈنى يۇقىرىقى لايىھەگە قارشى سۆزلىگەن سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۇنى «تەرتىپ خاراكتېرلىك مەسىلە» قىلىپ پەردازلىدى. بۇ، شىنجاڭغا ئالاقىدار ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈش «ماھىيەتتە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئاپپاراتىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ‹شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى چەكلەش› سىياسىي سۇيىقەستىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت».

  چېن شۈ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە ھەرگىزمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭدا ئۇدا بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈزبەرمىدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدالدى. ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆزگە ئىلماسلىق ئۇسۇلى تىپىك سىياسىي ھەرىكەت، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ دەخلى-تەرۇزدۇر.

  چېن شۈ مۇنۇلارنى ئالاھىدە كۆرسەتتى: ھازىرغا قەدەر، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بارلىق دۆلەتلەر قارارى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قارىتىلغان. ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش رەزىللىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالدى، لېكىن باشقا دۆلەتلەرگە قول شىلتىشقا بېرىلىپ كەتتى.

  بۇ قېتىمقى بېلەت تاشلاش نەتىجىسى شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئادىللىق كىشىلەر قەلبىدە. ئامېرىكا قاتارلىق بەزى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش، قوراللاشتۇرۇش ئۇسۇلى چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ