مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، گوۋۇيۈەن چياۋمىنلار ئىشلىرىئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى، جۇڭگو چياۋمىنلار بىرلەشمىسى بىرلىكتە دۆلەت بايرىمىلىق كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ۋاڭ ياڭ تەبرىك سۆزى قىلدى

2022.09.29 16:56 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، گوۋۇيۈەن چياۋمىنلار ئىشلىرىئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى، جۇڭگو چياۋمىنلار بىرلەشمىسى 9– ئاينىڭ 27–كۈنى خەلق سارىيىدا دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 73 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 73 يىل ئالەمشۇمۇل غايەت زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان 73 يىل بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن چوڭ-چوڭ، مۇھىم ئىشلارنى قىلىپ، دۆلەت ئىچى -سىرتىدىكى تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بەردى، جۇڭگو يولى بارغانسېرى كېڭەيدى، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى بارغانسېرى پىشىپ يېتىلدى، جۇڭگو قائىدىسى بارغانسېرى نامايان قىلىندى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى دىققەت قىلىۋاتقان، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20 -قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ قېتىمقى تارىخىي خاراكتېرلىك كاتتا يىغىن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشقا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، غايە-ئېتىقاد بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەممە بىر مەقسەتتە بولىدىغان ئۇلۇغۋار كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قەتئىيلىكنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىتتىپاقلىق كۈچ، كۈرەش قىلىش كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قاتمۇقات قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، ئارقا- ئارقىدىن شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىنىڭ مۇقەررەر يولى. بىز بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۆزگىچە ئورنى ۋە ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ قېلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملىقىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىشىمىز كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92- يىلدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى، يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، «چەت ئەللىكلەرگە تايىنىپ مۇستەقىل بولۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش»نىڭ چىقىش يولى يوق، «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چياۋمېنلار ئىشلىرى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چياۋمېنلارنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، چياۋمېنلارنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى توپلاپ، چياۋمېنلارنىڭ كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، چياۋمېنلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ، دۇنيانى جۇڭگونى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىش ۋە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن دۇنيا ئارزۇسىنى ئۆزئارا يۇغۇرۇپ تۇتاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بېيجىڭدىكى بىر قىسىم ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى رەھبىرىي يولداشلار، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك، چياۋمېنلار ۋە ھەر ساھەدىن كەلگەن تەخمىنەن 700 ۋەكىل يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ