جۇڭگو خەلق بانكىسى 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىدۇ

2019.04.29 15:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق بانكىسى 2019-يىل 8-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ، 2019- يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ 50 يۈەنلىك، 20 يۈەنلىك، 10 يۈەنلىك، بىر يۈەنلىك قەغەز پۇل ۋە بىر يۈەنلىك، بەش مولۇق، بىر مولۇق تەڭگە پۇلىنى تارقىتىدۇ.

  بىرىنچى، قەغەز پۇلنىڭ ئالاھىدىلىكى

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلىدىكى 50 يۈەنلىك، 20 يۈەنلىك، 10 يۈەنلىك، بىر يۈەنلىك قەغەز پۇللىرىدا ئايرىم-ئايرىم 2005-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلىدىكى 50 يۈەنلىك، 20 يۈەنلىك، 10 يۈەنلىك قەغەز پۇل ۋە 1999-يىللىق نۇسخىدىكى 5- يۈرۈش خەلق پۇلىدىكى بىر يۈەنلىك قەغەز پۇلنىڭ ئۆلچىمى، ئاساسىي شەكىل، ئاساسىي رەڭ، «جۇڭگو خەلق بانكىسى» نىڭ بانكا نامى، دۆلەت گېربى، ئەمالار يېزىقىدىكى سومما بەلگىسى، بانكا نامىنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى پىنيىنى، مىللىي يېزىق قاتارلىق ئامىللار ئۆزگەرمىدى، پۇل يۈزىدىكى رەڭلەرنىڭ ئوچۇق-يورۇقلۇق دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، پۇل يۈزىدىكى قۇرۇلما قاتلىمى ۋە ئۈنۈمى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئومۇمىي ساختىلىقتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى. 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلىدىكى 50 يۈەن، 20 يۈەن، 10 يۈەن، بىر يۈەنلىك قەغەز پۇلنىڭ ئالدى يۈزىدىكى ماۋ زېدۇڭنىڭ باش سۈرىتى، بېزەك گۈل، توغرىسىغا نومۇر، ئارقا تەرىپىدىكى ئاساسىي كۆرۈنۈش ۋە ئالدى-ئارقا تەرەپ يۈزىدىكى سوممىنىڭ سان شەكلى تەڭشىلىپ، ئالدى يۈزىدىكى سول تەرەپكە بېزەك نۇسخىلىرى كۆپەيتىلىپ، ئالدى يۈزىنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى ئويما قول سېزىمى سىزىقى ۋە ئارقا يۈزىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىدىكى قىسمەن شەكىللەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، پۇل يۈزىدىكى يىل نومۇرى 2019-يىلى دەپ ئۆزگەرتىلدى.

  (بىرىنچى) 50 يۈەنلىك قەغەز پۇل

  ئالدى يۈزىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى يۈزىدىكى پۇل سوممىسى سانى رەڭلىك نۇردا ئۆزگىرىدىغان سومما سانى «50»كە تەڭشەلدى، سول تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىدىكى نۇر ئۆزگىرىدىغان باسما مېيى سومما سانى رېزىنكە باسما بىلەن قوش بېسىلىدىغان نۇسخىغا تەڭشەلدى، ئوڭ تەرەپكە ھەرىكەتچان نۇر ئۆزگىرىدىغان تەشمە نەقىشلىك بىخەتەرلىك سىزىقى ۋە تىك نومۇر قوشۇلدى. ئارقا تەرىپىدىكى گولوگرافىك ماگنېتلىق نەقىشلىك بىخەتەرلىك سىزىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

  (ئىككىنچى) 20 يۈەنلىك، 10 يۈەنلىك قەغەز پۇل

  ئالدى يۈزىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى سومما سانى ئايرىم-ئايرىم رەڭلىك نۇردا ئۆزگىرىدىغان سومما سانى «20»، «10» غا تەڭشىلىپ، گولوگرافىك مېگنېتلىق بىخەتەرلىك سىزىقى بىكار قىلىنىپ، سول تەرەپتىكى رېزىنكە باسما بىلەن قوش بېسىلىدىغان نۇسخىغا تەڭشەلدى، ئوڭ تەرەپكە نۇردا ئۆزگىرىدىغان تەشمە نەقىشلىك بىخەتەرلىك سىزىقى ۋە تىك نومۇر كۆپەيتىلدى.

  (ئۈچىنچى) بىر يۈەنلىك قەغەز پۇل

  ئوڭ يۈزىنىڭ سول تەرىپىگە سومما سانىنىڭ ئاق سۇ باسمسى كۆپەيتىلدى، سول تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىدىكى بېزەك نۇسخىلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

  ئىككىنچى، تەڭگە پۇلنىڭ ئالاھىدىلىكى

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ بىر يۈەن، بەش مو، بىر مولۇق تەڭگە پۇللىرىدا 1999-يىللىق 5- يۈرۈش خەلق پۇلىدىكى بىر يۈەنلىك، بەش مولۇق تەڭگە ۋە 2005-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلىدىكى بىر مولۇق تەڭگىنىڭ سىرتقى شەكلى، تاشقى ئالاھىدىلىكى، «جۇڭگو خەلق بانكىسى» دېگەن بانكا نامى، پۇل سوممىسىنىڭ خەنزۇ تىلى پىنيىنى، خەلق پۇلى بىرلىكى، گۈل-گىياھ نۇسخىسى، بانكا نامىنىڭ خەنزۇ تىلى پىنيىنى قاتارلىق ئامىللار ئۆزگەرمىدى، ئالدى يۈزىدىكى سومما سانىنىڭ شەكلى تەڭشەلدى، ئارقا يۈزىدىكى گۈل-گىياھ شەكلى مۇۋاپىق قىسقارتىلدى.

  (بىرىنچى) بىر يۈەنلىك تەڭگە پۇل

  دىيامېتىرى 25 مىللىمېتىردىن 22.25 مىللىمېتىرغا تەڭشەلدى. ئوڭ يۈزىدىكى پۇل سومما سانى «1» نىڭ ئىزنا سىزىقى ئىچىگە يوشۇرۇن سۈرەت- يېزىق «¥» ۋە «1» قوشۇلدى، يان قىسمىغا چەمبەر نۇقتىسى قوشۇلدى. ماتېرىيال سۈپىتى ئۆزگەرمىدى.

  (ئىككىنچى) بەش مولۇق تەڭگە پۇل

  ماتېرىيال سۈپىتى پولات ئۆزەككە مىس يالىتىلغان قېتىشمىدىن پولات ئۆزەككە نىكېل يالىتىلغان قېتىشمىغا ئۆزگەرتىلدى، رەڭگى ئالتۇن رەڭدىن نىكېل رەڭگىگە ئۆزگەرتىلدى. ئالدى-ئارقا تەرەپ ئىچكى گىرۋىكى يۇمىلاق شەكىلدىن كۆپ تەرەپلىككە تەڭشەلدى. دىئامېتىرى ئۆزگەرمىدى.

  (ئۈچىنچى) بىر مولۇق تەڭگە

  ئالدى تەرىپىنىڭ چۆرىسىگە يۇمىلاق نۇقتا كۆپەيدى، دىئامېتىرى ۋە ماتېرىيال سۈپىتى ئۆزگەرمىدى.

  ئۈچىنچى، 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ 50 يۈەنلىك، 20 يۈەنلىك، 10 يۈەنلىك، بىر يۈەنلىك قەغەز پۇل ۋە بىر يۈەنلىك، بەش مولۇق، بىر مولۇق تەڭگە پۇل تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئوخشاش سوممىلىق خەلق پۇلى بىلەن تەڭ قىممەتتە ئوبوروت قىلىنىدۇ.

  جۇڭگو خەلق بانكىسى

  2019-يىل 4-ئاينىڭ 22- كۈنى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ