شى جىنپىڭ «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك​

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

2022.09.29 09:10 مەنبە: خەلق تورى

  9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار بېيجىڭ كۆرگەزمە سارىيىدا «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. □

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  ■ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنماي كەلگەن نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى، يىراق كەلگۈسىگە ئالاقىدار نۇرغۇن زور ئىش، مۇھىم ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، سىياسىي، ئىقتىساد، ئىدېئولوگىيە، تەبىئەت دۇنياسى قاتارلىق تەرەپلەردىن كەلگەن خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. 10 يىلدىن بۇيانقى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، ئۆزگىرىش ياساش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەت، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش، بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، 10 يىلدىن بۇيانقى ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەرنىڭ پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئىگە بولغان ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيىتىنى تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىشكە، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى بېيجىڭ كۆرگەزمە سارىيىغا بېرىپ، «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنماي كەلگەن نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى، يىراق كەلگۈسىگە ئالاقىدار نۇرغۇن زور ئىش، مۇھىم ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، سىياسىي، ئىقتىساد، ئىدېئولوگىيە، تەبىئەت دۇنياسى قاتارلىق تەرەپلەردىن كەلگەن خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. 10 يىلدىن بۇيانقى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، ئۆزگىرىش ياساش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەت، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش، بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، 10 يىلدىن بۇيانقى ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەرنىڭ پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئىگە بولغان ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيىتىنى تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىشكە، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار بېيجىڭ كۆرگەزمە سارىيىغا كېلىپ، كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كۆرگەزمىدە «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش»تىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشى ئاساسىي لىنىيە قىلىنغان، دىققەت يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر، ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ھەم ئىشلار تەرەققىياتىدىكى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى قىياپەت نامايان قىلىنغان، ھەم ئۆزگىرىش ئارقىسىدىكى كۈچ ۋە ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى كۆرسىتىپ بېرىلگەن؛ ھەم يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىكى، ئىدىيە يېتەكچىلىكى نامايان قىلىنغان، ھەم كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى قىياپىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. كۆرگەزمىدە مۇقەددىمە زالى، مەركەز ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە رايونى، يەرلىك كۆرگەزمە رايونى، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش كۆرگەزمە رايونى، زال سىرتى كۆرگەزمە رايونى ۋە ھەمتۈرتكە كۆرگەزمە رايونىدىن ئىبارەت ئالتە كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان، كۆلىمى 30 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، سۈرەت، ئەمەلىي بۇيۇم، مودېل قاتارلىق 6000 تۈردىن ئارتۇق كۆرگەزمە مۇھىم ئامىلى ئىشلىتىلگەن، چىقىش قىلغان نۇقتىسى مول، ئىچكى خاس مەزمۇنى تولۇق.

  دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە ياسىمىچىلىق ئىقتىدارىنىڭ ئۇچقاندەك ئۆرلەۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىدىغان، ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئاچقۇچلۇق مەھسۇلاتلار ئەمەلىي بۇيۇمى، مودېلى، تۆھپە قوشقان، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش سىستېمىسىنىڭ كۈنسېرى بېيىۋاتقانلىقى، مۇكەممەللىشىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئوردېن، مېداللار، دۆلەت دەرىجىلىك مۇھىم، زور نەشر تۈرى «گۈللىنىش ئەسەرلەر خەزىنىسى»، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش تارىخىي مۇساپىسى جانلىق، قايتا نامايان قىلىنغان ئەمەلىي بۇيۇم، گىرافىك، سۈرەتلەر، «بەش ئاساسىي» ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئاسمان - يەر بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئىستېرېئولۇق يىراقتىن سېزىش شەكلى ئارقىلىق كۆزىتىش - ئۆلچەش سىستېمىسىنىڭ تەقلىدىي قۇم مودېلى، قورال - جابدۇق مودېلى، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنى، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى نامايان قىلىنغان كۆرگەزمە تاختىلىرى، ئەمەلىي بۇيۇملار، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى نامايان قىلىنغان ئىستېرېئولۇق ئېلېكتىرونلۇق خەرىتە، يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى، رېلىسلىق قاتناش ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يارقىن نۇقتىلار، نەتىجىلەر نامايان قىلىنغان گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ قۇم مودېلى... ھەربىر ئەمەلىي بۇيۇم، مودېللار، ھەربىر بۆلەك جانلىق سىن كۆرۈنۈشلىرى، ھەربىر پارچە سۈرەت - گىرافىكلار شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇلار ئارىلاپ قەدىمىنى توختىتىپ كۆردى، چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىدى، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سورىدى.

  بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ