باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2019.04.22 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تولدۇرۇپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان جەدۋەل، يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان تەسىرات، ھەر خىل مۇسابىقە ياكى پائالىيەتلەر، ھەر خىل باھالاش ياكى تەكشۈرۈش... ھازىر، بەزى جايلاردا ئۈزۈلمەي ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان ئوقۇتۇشتىن سىرتقى ۋەزىپىلەر نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىنىڭ جىسمى ۋە كۆڭلىنى ھارغۇزۇۋەتمەكتە، ھەتتا بەزى ئوقۇتقۇچىلار خورسىنغان ھالدا: «دەرس ئۆتىدىغان ۋاقىتمۇ قالمايۋاتىدۇ»، دېيىشتى.

  بۇنىڭ ئىچىدە، زۆرۈر بولغان ئوقۇتۇشتىن باشقا ۋەزىپىلەرنى ئوقۇتقۇچى ئورۇندىشى شەرت ھەم قىسمەن زۆرۈر بولمىغان ئوقۇتۇش ۋەزىپىسى ئوقۇتقۇچىلارغا «نورمىدىن سىرت يۈك» ئېلىپ كەلمەكتە. 2019-يىللىق مەملىكەتلىك مائارىپ خىزمىتى يىغىنىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش سىياسىتىنى مەخسۇس ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى، 2019-يىلى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭ ئىش قاتارىدا تۇتۇشنى، «ۋاقىت ۋە زېھنىنى ئوقۇتقۇچىلارغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارنى ئوقۇتۇشنى كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىپ، دەرس تەييارلاپ، بىلىمىنى پۇختىلاپ، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بۇ، شۈبھىسىزكى نۇرغۇن بىرىنچى سەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زۆرۈر بولمىغان ئوقۇتۇشتىن باشقا ۋەزىپىلىرىنى ئازايتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئالدىراتماي، ئۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، مائارىپنى تىنچلاندۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىلا، يېڭى ھايات ئېراسىنى تېخىمۇ ياخشى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

  ئوقۇتقۇچىلار زۆرۈر بولمىغان ئوقۇتۇشتىن باشقا ۋەزىپىلەر سەۋەبلىك ھېرىپ كەتمەكتە

  گەنسۇدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ سىنىپ مەسئۇلى ليۇ لېي ئىنكاس قىلىپ مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈش كېلىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن ئالدىراش بولۇپ كېتىمىز، ماتېرىيال تەييارلايمىز، ئوقۇغۇچىلارغا كىيىنىشكە دىققەت قىلىش قاتارلىقلارنى قايتا-قايتا تەكىتلەيمىز. بەزىدە «ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم» شەكلىدىكى تەكشۈرۈش كەلسە، سىنىپتىكى كاناي چېلىنغان ھامان دەرھال دەرس توختىتىپ تازىلىق قىلىمىز.

  يېزىدىكى ياتاقلىق ئۈلگىلىك مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان لى ۋېنجۈن بۇلتۇر بىر يىلدا، ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق ئېكسكۇرسىيە ۋە تەكشۈرۈشنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، «رەھبەر كېلىشى بىلەنلا، پۈتۈن مەكتەپ قىينىلىدۇ»، ماتېرىيال يېزىش، كۆرگەزمە تاختىسى ئىشلەش، يىغىن ئېچىشقا تەشكىللەش كېرەك. بەزى ئوقۇتقۇچىلار مەسخىرە قىلىپ، ئوقۇتۇش، تەكرار قىلىشتىن قورقمايمىز، باھالاشتىن قورقىمىز، دېيىشمەكتە، دېدى.

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى لېيجۇ شەھىرىدىكى مەلۇم يېزا-كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 85-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ئوقۇتقۇچىسى كې نىڭ ئالدىنقى مەۋسۇم تاپشۇرغان خىزمەت ھۆججەتلىرىنى ئىستاتىستىكا قىلغاندا، 320 نەچچە تۈرلۈك مەزمۇنغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە زەھەر چەكلەش بىلىملىرىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، «قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش» يىپ ئۇچىنى رەتكە تۇرغۇزۇش، تۈرلۈك بېلەت تاشلاش ۋەزىپىلىرى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، رازى بولۇش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش، توردا ئۆگىنىش، تەربىيەلەش ۋە ئىمتىھان ئېلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش يىپ ئۇچىنى دوكلات قىلىش، ئەتراپتىكى مۇھىت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش، قاتناش بىخەتەرلىكى تەشۋىقاتى، تەيفېڭ بورىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلار ئورۇنلاشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ۋەزىپىلەر بار. لېكىن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلارغا قارىتا، كې نىڭ مۇئەللىم تازا چۈشەنمەي، مۇنداق دېدى: «‹قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش›، ‹قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش› قا ئوخشاش ئىشلاردا بىزدىن يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغانلىق بىزنى دەرس ئۆتمەي، سىرتقا چىقىپ بىر- بىرلەپ تەكشۈرسۇن، دېگەنلىك ئەمەسمۇ؟»

  ئوقۇتقۇچىلار «بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتىدۇ»، ئوقۇغۇچىلار ياخشى ئۆگىنەلمەيۋاتىدۇ

  ئوقۇتۇشتىن سىرتقى نۇرغۇن ۋەزىپىلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نۇرغۇن زېھنىنى ئىگىلىۋالغانلىقتىن، ئۇلار ئوقۇتۇشنى تەتقىق قىلىشقا يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىدۇ. 2017-يىلى، يېڭى مائارىپ تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى، چېڭدۇ شەھىرى ۋۇخۇ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى لى جېنشى يەسلى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2787 ئوقۇتقۇچىسغا قارىتا بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى ھەمدە بۇنىڭغا ئاساسەن «"ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشتىن سىرتقى خىزمىتىنى ئازايتىش" توغرىسىدا تەكشۈرۈش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «ئوقۇتۇش ۋە ئالاقىدار تەييارلىقلارغا ھەقىقىي سەرپ قىلىدىغان ۋاقتىنىڭ پۈتكۈل خىزمەت ۋاقتىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تۆتتىن بىرگە يەتمەيدىكەن، قالغان تۆتتىن ئۈچ قىسىم ۋاقتىنى بولسا ۋاقىت ھەم كۈچ سەرپ قىلىدىغان ئوقۇتۇشتىن سىرتقى ۋەزىپىلەرگە سەرپ قىلىدىكەن».

  ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سەرپ قىلىدىغىنى ۋاقىت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە بولغان تونۇش تۇيغۇسىدۇر.

  ئوقۇتقۇچىلارنى ئالدىراتماي، مائارىپنى تىنچلاندۇرۇش زۆرۈر

  پېداگوگ، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇ يۇڭشىننىڭ قارىشىچە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشتىن سىرتقى ۋەزىپىسىنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كېتىشى بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ مەسئۇلىيىتىنىڭ ۋەسىيلىك قىلغۇچىلارنىڭ چەكسىز مەسئۇلىيىتىگە ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. مەسىلەن، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە چۈشلۈك تاماق يېگەندە، ئوقۇتقۇچىلار يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇشى، ئوقۇغۇچىلار تاماق يېيىشتىن بۇرۇن سىناپ يېيىشى كېرەك؛ يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە، ئوقۇتقۇچىلار سەييارە تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ بەزى جايلار ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشتات سىرتىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى قاتارىدا كۆرىدىغان بولۇپ، نامرات ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش، چېقىش- كۆچۈرۈش، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشنىمۇ ئوقۇتقۇچىلار ئورۇندىشى كېرەك ئىكەن.

  يەنە بىر تەرەپتىن، جۇ يۇڭشىننىڭ دىققەت قىلىشىچە، بەزى جايلاردا، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى دائىم «دەرسخانىغا كىرىش» تەلىپىگە ئايلىنىپ قالغان، «يەنە كېلىپ %100 قاتنىشىش، سۈرەتكە تارتىش ياكى سىنغا ئېلىپ ئىز قالدۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئارخىپتا ساقلاپ، تاماملاش ئەھۋالىنى يۇقىرىغا يوللاش» تەلەپ قىلىنغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى تەكشۈرۈشلەردە نەتىجىگە باھا بېرىش ئاساس قىلىنماستىن، بەلكى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىغا ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بېرىلىپ، شەكىلۋازلىقنى مەكتەپنى تەكشۈرۈشكە ئىشلەتكەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۆلچەمگە يەتكەندىن كېيىن، يەنە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىش، رەھبەرلەر كۆزدىن كەچۈرۈش باشلىنىپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش-ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن.

  «مۇۋاپىق بولغان باھالاش، تەكشۈرۈشلەر ئوقۇتۇش، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان ئىنتايىن زۆرۈر پائالىيەت بولۇپ ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىپ، ياخشى، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كەيپىياتنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. بىراق تەكرارلانغان، زۆرۈر بولمىغان، ئەھمىيەتسىز بەزى پائالىيەتلەرنى ئازايتىش، ھەتتا قايتا قانات يايدۇرماسلىق لازىم». لى ۋېنجۈننىڭ قارىشىچە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «يۈكىنى يېنىكلىتىش»تە، «ئىش قىلماسلىق» ئەمەس، بەلكى ئوقۇتۇش، ئادەم تەربىيەلەش بىلەن مۇناسىۋەتسىز مەزمۇنلارنى ئازايتىش لازىم.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ 2019-يىللىق مەملىكەتلىك مائارىپ خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەكتەپلەرگە كىرىدىغان تۈرلۈك تەكشۈرۈش، سىناش، باھالاش پائالىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، مۇندەرىجە تىزىملىكى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم، تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن ياكى تەستىقلانمىغانلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا بولمايدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنى «جەدۋەلچى»لىكتىن ئازاد قىلىش لازىم، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا خالىغانچە سېلىق سېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

  ئەمدى قانداق قىلغاندا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زۆرۈر بولمىغان يۈكىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ؟ جۇ يۇڭشىن مۇنداق تەكلىك بەردى: مەكتەپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى قاتارلىقلارنى قانۇن شەكلىدە تېزدىن ئايدىڭلاشتۇرۇش، مەكتەپ بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەت چېگراسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتسىز مەخسۇس خىزمەتلەرنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش تۈرلىرىنى ئېنىقلاش لازىم، نورمال ئوقۇتۇش ۋاقتى، مەكتەپ ئەخلاق تەربىيە پائالىيىتى ۋاقتى، تەنتەربىيە چېنىقىش ۋاقتىنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك مەمۇرىي سىستېمىلارنىڭ «ۋەزىپىسى»نى قانات يايدۇرۇش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

  خەن پىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تۈرلۈك مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە پائالىيەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مەكتەپلەرگە «تىزىملىك» شەكلىدىكى تاللاش ھوقۇقى بېرىشى كېرەك، مەكتەپلەر مەكتەپلەرگە كىرىدىغان تۈرلۈك مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەن پىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ يىغىن، باھالاش، تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئازايتىشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەكتەپنىڭ يۈكىنى ئىمكانقەدەر يېنىكلىتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكەندىلا، ئاندىن ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلىگىلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكىلى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر