سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان نەنجىڭدىكى «زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى».
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
كۈندىن-كۈنگە يېڭىلىنىۋاتقان نەنجىڭ شەھىرىدىكى بىر جايدا ۋاقىت «توختاپ قالغان» −− چاڭجياڭ يولى 292- نومۇرلۇق «زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى»دىكى جياڭ جيېشىنىڭ ئىشخانىسىدا، ئۈستەل ئۈستىدىكى ئۈستەل كالېندارى 1949- يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنىدە توختاپ قالغان. بۇ بىر بەت تارىخنى توختىتىپ قويغىنى دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى «مىليون كىشىلىك قوشۇن»دۇر.
تارىخ − ئەڭ ياخشى دەرسلىك.
ئاۋامغا ئېرىشكەنلەر دۆلەتكە ئېرىشىدۇ، ئاۋامنى يوقاتقانلار دۆلەتنى يوقىتىدۇ». 70 يىل ئىلگىرى، بىر كونا ھاكىمىيەت يەرگە يىقىلدى، بىر ئىنقىلابىي پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەپىرىنى باشلاش ئالدىدا تۇردى.
ۋاقىت − ھەقىقەتنىڭ گۇۋاھچىسى.
خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئەل كۆڭلىگە ياقىدۇ. ئون سۇلالە نەنجىڭنى پايتەخت قىلغان بولۇپ، گۈللىنىش- خارابلىشىش كېيىنكىلەرگە مۇنداق ئىلھام بەرمەكتە: كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى ھايات-ماماتنى بەلگىلەيدۇ، پەقەت خەلققە بولغان ساپ نىيىتىنى مەڭگۈ ساقلىغاندىلا، ئاندىن تارىختىن كەلگۈسىگە يۈزلىنەلەيدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى