خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21- ئاپرېل، ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋ شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى بىر بېلەت تاشلاش پونكىتىدا، بىر ئايال سايلامچى سايلاش سالاھىيىتىنى تەكشۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن، خىزمەتچىلەرنىڭ قولىدىن سايلام بېلىتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. ئۇكرائىنا 7- نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ 2- نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاش خىزمىتى شۇ جاي ۋاقتى 21- چېسلا ئەتىگەن سائەت 8 (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 13)دە باشلاندى. 2- نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاشتا، 1- نۆۋەتلىك سايلامدا ئاۋاز بېرىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن ئۇكرائىنانىڭ داڭلىق كومېدىيە ئارتىسى زېلېنسكى بىلەن ھازىرقى زۇڭتۇڭ پوروشېنكودىن ئىبارەت ئىككى سايلانغۇچى ئىچىدىن بىرى ئەڭ ئاخىرقى غەلىبە قىلغۇچى بولغانلىقى قارار قىلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى