باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنجاڭنىڭ 2019-يىللىق ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2019.04.19 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى يېقىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ 2019-يىللىق ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2019-يىللىق ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا كىرىش، ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

  ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ

  «ئۇقتۇرۇش»تا جايلاردىن ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ۋە پۇقراۋى مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا كىرىش سىياسىتىنىڭ جايىدا ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى. ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەر سالامەتلىك سەۋەبىدىن مەكتەپكە كىرىشى كېچىكتۈرۈلسە ياكى ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختىتىشقا توغرا كەلسە، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئىلتىماس قىلىپ، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئاساس قىلىنغان بىللە كۆچۈپ كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە مەكتەپكە كىرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆچۈپ بارغان جايدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنى ئاساس قىلىپ، بىللە كۆچۈپ كەلگەن پەرزەنتلەرنى ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچى سانى توشۇپ كەتكەن بولسا، ھۆكۈمەت مۇلازىمەت سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق پۇقراۋى مەكتەپلەردە ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ «دۆلەت ئوقۇتۇش مەكتىپى»، «دىنىي ئوقۇش سىنىپى» ، «خۇسۇسىي مەكتەپ» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن قانۇنسىز مەكتەپ ئېچىش قىلمىشلىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئاتا-ئانىلار ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلەردىن ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنى ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىشقا ئەۋەتمىگەنلىرى ياكى ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر ياكى جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا كىرىدۇ

  «ئۇقتۇرۇش»تا جايلاردىن «مەكتەپ بۆلەكلەر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئوقۇغۇچى مەنبەسى بويىچە يېقىن ئەتراپتا ئوقۇشقا كىرىش» ئومۇمىي نىشانى بويىچە، مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە ئىمتىھانسىز يېقىن ئەتراپتا ئوقۇشقا كىرىش سىياسىتىنىڭ تولۇق قاپلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

  باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتە ئادەتتە تىزىملاپ ئوقۇشقا كىرىش، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىشتە ئادەتتە تىزىمغا ئالدۇرۇش ياكى نىشانلىق بىۋاسىتە ئۆرلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇشقا كىرىش، كۈچلۈك-ئاجىزلىرىنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە نىشانلىق بىۋاسىتە ئۆرلەشتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، مائارىپ پۇرسىتىنىڭ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى شۇ جايدىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دائىرىسىنى مۇۋاپىق بېكىتىشكە يېتەكلەپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا كىرىش بەلگىلىمىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىش ھەمدە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر بىلەن ماس قەدەمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كېرەك، ھەقانداق شەكىل بىلەن ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاللاپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. تىزىملاتقان ئادەم سانى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىن ئېشىپ كەتكەن مەكتەپلەرنى كومپيۇتېر ئارقىلىق ئىختىيارىي ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى داۋاملىق قىسقارتىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا تۈرلۈك ئالاھىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ «خەلقئارا بۆلۈم»، «خەلقئارا دەرس سىنىپى»، «چېگرا سىرتىدىكى سىنىپ» قاتارلىق ناملار بىلەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە، رايون ئىچىدە سىنىپتىكى ئوقۇغۇچى سانى كۆپ مەكتەپلەرگە ئەسكەرتىش بېرىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەسلەپكى يىللىقىدا قەتئىي تۈردە دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، بىر سىنىپقا 56 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشقۇرۇشى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

  «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى، بارلىق مەكتەپلەر (جۈملىدىن پۇقراۋى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) بەلگىلەنگەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دائىرىسى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى بويىچە بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى تالىشىش، «تاللاپ» ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، رايون ھالقىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، پىلاندىن ئاشۇرۇپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەلا سۈپەتلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆرسەتكۈچىنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە تەقسىم قىلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سان تەقسىماتى نىسبىتىنىڭ %50تىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە يېزا مەكتەپلىرى ۋە ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  2019-يىلىدىن باشلاپ، «ئۆرۈك كۆچىتى» سىنىپى، تەنتەربىيە ئالاھىدىلىكى بارلار سىنىپى، ئۇلۇغۋار ئىرادىلىكلەر سىنىپى، مەرۋايىت سىنىپى قاتارلىق ئالاھىدە تىپتىكى سىنىپ ئېچىش ۋە رايون ئاتلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، «ئۇلۇغۋار ئىرادىلىك» ئوقۇغۇچىلار، «مەرۋايىت» ئوقۇغۇچىلارنى قوللاش سىياسىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ چەت-ياقا، نامرات رايونلىرى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، رايون ئاتلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا، مەركەزلىك سىنىپ تەشكىللەشكە يول قويۇلمايدۇ.

  «ئوننى قاتتىق چەكلەش» ئىنتىزام تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ

  «ئۇقتۇرۇش»تا ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن «ئوننى قاتتىق چەكلەش» ئىنتىزام تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىندى. پىلانسىز ياكى پىلاندىن ئاشۇرۇپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى تەشكىللەش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مەكتەپ باشقا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئۆز ئالدىغا تەشكىللەش ياكى ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئوقۇغۇچى تاللاش مەقسەت قىلىنغان تۈرلۈك ئىمتىھانلارنى تەشكىللەش ياكى ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ئۆزى تەشكىللىگەن تۈرلۈك ئىمتىھان نەتىجىسىنى قوللىنىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى مۇددەتتىن بۇرۇن تەشكىللەپ، شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئەلاچى ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى تاللاش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر بىلەن پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ ئارىلاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى، ئارىلاش سىنىپ تەشكىللىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ يۇقىرى ماددىي مۇكاپات، ساختا تەشۋىقات قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ ھەر قانداق مەكتەپنىڭ مەكتەپكە كىرىش بىلەن باغلانغان «ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پۇلى»نى قوبۇل قىلىشى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئېلىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ تۈرلۈك مۇسابىقە گۇۋاھنامىسى، ئىلىم-پەن مۇسابىقە نەتىجىسى ياكى دەرىجە ئىمتىھانى ئىسپاتى قاتارلىقلارنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاساسى قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردە ھەر قانداق نامدىكى نۇقتىلىق سىنىپ، تېز-ئاستا سىنىپ تەسىس قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى رەتكە تۇرغۇزۇش، تولۇق ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئەلىيۇل ئەلاسى ۋە ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنى تەشۋىق قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىمۇ مەكتەپلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئەھۋالىنى رەتكە تۇرغۇزۇشىغا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك مەكتەپنى ئۆز مەكتىپىدىن باشقا مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى سانلىق مەلۇماتى بىلەن تەمىنلەشكە بولمايدۇ؛ ئادەم تەۋەلىكىنى ئايرىش، ئوقۇش تەۋەلىكىنى قۇرۇق قويۇش، ئوقۇش تەۋەلىكىدە ساختىلىق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى سادىر قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا رايون ئاتلاپ قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەكتەپ ئالماشتۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش تەۋەلىكىنى يۆتكەپ ئۇلاپ بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى جايلارنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، مەكتەپكە كىرىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى مۇۋاپىق پەيتتە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئايرىم مەكتەپلەرنىڭ سىياسەتنى ياخشى ئىجرا قىلماسلىق، تاللاش، ئۆزگەرتىش قىلىش ۋە يۇقىرىدىكىلەرنىڭ سىياسىتى بولۇش، تۆۋەندىكىلەرنىڭ تەدبىرى بولۇش قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، بىرنى بايقىسا شۇھامان تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، بەلگىلىك تەسىر ياكى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان مەكتەپلەرگە قارىتا، مەكتەپ ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر