باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2019.04.18 17:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 4-ئاينىڭ 17-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، 2019-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ تەكلىپ-تەۋسىيەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا بولغان قوللىشىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپىنى بېجىرىش بولسا، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. بۇ يىل گوۋۇيۈەن تارماقلىرى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن تەكلىپ ئومۇمىي سانىنىڭ %94تىن كۆپرەكىنى بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالدى. تارماقلار مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنى بېجىرىشنى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشى ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بىرىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، تەكلىپ-تەۋسىيەلەرنى بېجىرىش خىزمىتى بىلەن كەسپىي خىزمەتنى تەڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، بىرلىكتە باھالاش كېرەك. كارخانا ۋە ئاممىغا چېتىلىدىغان قىيىن نۇقتىلار ۋە توساقلارنى مۇشۇ يىل ئىچىدە ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىرىنى سۈرۈك ئىچىدە ھەل قىلىش، ۋاقتىنچە ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىرىنىمۇ پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھۆكۈمەت بىلەن ۋەكىللەر، ئەزالار ئالاقىلىشىدىغان «بىۋاسىتە ئاپتوموبىل»نى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. تەكلىپلەرگە جاۋاب بېرىشتىن ئىلگىرى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئېھتىياجلىق بولغانلارغا سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ پىكىر، تەكلىپلەرنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاش لازىم. ئۈچىنچى، بېجىرىش، جاۋاب قايتۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، بېجىرىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىش ھەمدە ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ پىكرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئاڭلاش كېرەك. زور جامائەت مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان، ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان جاۋابلارنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئاشكارىلاش كېرەك. تۆتىنچى، بېجىرىش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، شەكىلۋازلىق قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر