4- ئاينىڭ 15- كۈنى ئىسرائىلىيە تراۋىف ئۇنىۋېرسىتېتىدا، 3D پرىنتېر 3D يۈرەكنى بېسىپ چىقاردى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسرائىلىيە تراۋىف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 15- چېسلا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئۇلار بىمارنىڭ ئۆز توقۇلمىلىرىنى خام ئەشيا قىلىپ، 3D پىرىنتېر ئارقىلىق دۇنيا بويىچە تۇنجى ھۈجەيرە، قان تومۇر، يۈرەك قېرىنچىسى ۋە يۈرەك دالانچىسىغا ئىگە «مۇكەممەل» يۈرەكنى بېسىپ چىقاردى. بۇ دۇنيا بويىچە يەنە بىر "تۇنجى" بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى