- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى
شىنجاڭنىڭ 2019- يىللىق كىرېدىت سىياسىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك
2019.04.12 15:01 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى «شىنجاڭنىڭ 2019- يىللىق كىرېدىت سىياسىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شىنجاڭنىڭ بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى پۇل سىياسىتىنىڭ ئۆتمە مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، كىرېدىت سىياسىتىنىڭ قۇرۇلمىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەنبەگە قايتۇرۇپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
«پىكىر»دە، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى تۇتۇش، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت بولۇشتەك مەسىلىلىرىنى كۈچەپ يېنىكلىتىش، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاش، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىش، تۇرالغۇ جايلار پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ تەرتىپلىك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش قاتارلىق سەككىز جەھەتتىن كونكرېت يولغا قويۇش پىكىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«پىكىر»دە يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق بانكىلىرى چوقۇم خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت خاھىش»، بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي بوشاشماي تۈزىتىپ، «ئىپادە بىلدۈرۈش ۋە قۇرۇق شوئار توۋلاش كۆپ بولۇش، ھەرىكەت ئاز بولۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ناچار بولۇش»تەك مەسىلىنى قەتئىي تۈزەپ ھەل قىلىپ، ئۆي-مۈلۈك كەسپى پۇل مۇئامىلىسى، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك-مىكرو كارخانىلار، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل پۇل مۇئامىلە، يەرلىك ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرز دېگەندەك ساھەلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدىگەن ھالدا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە مەسىلىلەرگە ھۆكۈم قىلىشتا تەتقىق قىلىپ ئاندىن ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق كىرېدىت سىياسەتنىڭ ئۈنۈم يۆنىلىشىنى باھالاشنى ۋە پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈم يۆنىلىشىنى باھالاشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك-مىكرو كارخانىلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، باھالاش نەتىجىلىرىنى تەتبىقلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، سىياسەت ئۆتمە مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر