باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا لياۋنىڭ كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى، لياۋنىڭ كوماندىسى ئومۇمىي نەتىجىدە بىر نومۇرغا ئېرىشتى

2019.04.15 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە، CBA يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 3-قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە نومۇرى ئالدىدا بولسىمۇ، كېيىنكى يېرىم مەيداندا لياۋنىڭ بېنگاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى تەرىپىدىن 109 : 100 نەتىجە بىلەن يېڭىلىپ قالدى، ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇمىي نومۇرى 2 : 1 بولدى.

  شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرىنى ئادىلجان مۇنداق دېدى: بىز بۈگۈن قارشى تەرەپ مەيدانىدىكى مۇداپىئەرىمىزنى ئۇنتۇپ قالدۇق. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، بولۇپمۇ لياۋنىڭ كوماندىسىدىكى نۇقتىلىق توپچىلارنى ياخشى كونترول قىلالمىغانلىقىمىز بىزنىڭ ئۇتتۇرۇپ قويۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەب، دېيىشكە بولىدۇ. بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيەت ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئورنىنى توغرىلىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە مەن شۇنىڭغا مۇتلەق ئىشىنىمەنكى، «ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمىدى»، بۇ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ھەقىقىي سەۋىيەسى ئەمەس، كېيىنكى مەيداندا چوقۇم بۇ مەيدان مۇسابىقىگە ئوخشىمايدىغان ماھارىتىمىزنى نامايان قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر