باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ كرودىيە زۇڭتۇڭى كىتاروۋىچ بىلەن كۆرۈشتى

2019.04.11 15:25   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ كرودىيە زۇڭتۇڭى كىتاروۋىچ بىلەن كۆرۈشتى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ زاگرېب زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە، كرودىيە زۇڭتۇڭى كىتاروۋىچ بىلەن كۆرۈشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ساگرېب زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە كرودىيە زۇڭتۇڭى كىتاروۋىچ بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ كىتاروۋىچقا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلىدى. زۇڭتۇڭ خانىم ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بىز بۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇيمىز. جۇڭگو-كرودىيە ھەمكارلىقى باراۋەر، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور. جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى كرودىيەنىڭ «ئۈچ دېڭىز ھەمكارلىقى» تەشەببۇسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئۇل ئەسلىھە ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاشكارا خېرىدار بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆلچىمى ۋە قائىدىسىگە ئەمەل قىلىپ، سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئەمدىلا ئاخىرلاشقان 21-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىدا ھاسىل قىلىنغان بىر تۈرلۈك مۇھىم ئورتاق تونۇش، يەنى مەبلەغ سېلىشتا ئەسلىدە قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىلىشى، كەمسىتىلمەسلىكى لازىم، بۇ، جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىدا ئەمەل قىلىنىشى كېرەك.

  كىتاروۋىچ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كرودىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى دوستانە، ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشى يوق، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئىستىقبالى پارلاق. لى كېچياڭ زۇڭلىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، كرودىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. كرودىيە جۇڭگو شىركەتلىرىنىڭ كرودىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، پورت قاتارلىق ھەمكارلىقلارنى قانات يايدۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ، كرودىيە ھەرقانداق دۆلەت كارخانىسىنى كەمسىتمەيدۇ. پېلېشاتس چوڭ كۆۋرۈكى تۈرى كرودىيە-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ سىمۋولى، ئۇ، جۇڭگو شىركىتىنىڭ ئاشكارا خېرىدار چاقىرىشقا قاتنىشىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇنى ۋە ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەردە قۇرغان چوڭ تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە تۈرى بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلققە زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ، جۇڭگو شىركىتىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ يېڭى ھەمكارلىق ئەندىزىسى ئورنىتىشىغا ئىجابىي ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن . كرودىيە «ئۈچ دېڭىز ھەمكارلىقى» تەشەببۇسىنى جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە « 1+16 ھەمكارلىقى» بىلەن تېخىمۇ ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، كرودىيە-جۇڭگو، ياۋروپا-جۇڭگو ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ يى، خې لىفېڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·قازاقىستاندا 6- ئايدا مۇددەتتىن بۇرۇن زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ 
    ·جۇڭگو-قازاقىستان تۇنجى قېتىم بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان «كومپوزىتور» ناملىق فىلىم 9-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خە…
    ·ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈش…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەس…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقىغا ئائىت ئون تۈرلۈك مىزانغا خىلاپلىق قىلغان تۆت …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: تۆت چوڭ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئ…
    ·خەلق گېزىتىدە مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈپ قەرز تۆلەش قالايمىقانچىلىقى ئەڭ دەسلەپكى چىقىش نۇقتىسىدىن …
    ·دۆلىتىمىز ئىسلاھاتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە…
    ·2019- يىللىق بېيجىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مەكتەپكە كىرىش سىياسىتى ئېلان قىلىندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: باشقۇرۇش رايونى ۋە مەكتەپ رايونى بېكىتىلگەندىن كېيىن، بىر مەزگىلگىچە نىسپىي م…